71 پېترۇس قەسەم قىلىپ: - سىلەر دەۋاتقان ئادەمنى تونۇمايمەن. بولمىسا، مېنى خۇدا ئۇرسۇن! - دېدى.
شۇنىڭ ئۈچۈن، ئۆزىنى ئېتىقادتا پۇت تىرەپ تۇرۇۋاتىمەن، دەپ ھېسابلايدىغانلار يىقىلىپ چۈشۈشتىن پەخەس بولسۇن.
ئەڭ ساختا نەرسە ئىنسان نىيىتىدۇر. ئۇنى ساقايتقىلى بولماس، ھېچكىم ئۇنى چۈشىنەلمەيدۇ.
شۇ كۈنلەردە پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيە زېمىنىنىڭ دائىرىسىنى كىچىكلىتىشكە باشلىدى. ئاررام پادىشاھى خازائېل ئىسرائىلىيەنىڭ ھەرقايسى چېگرالىرىغا،
پېترۇس يەنە ئىنكار قىلدى. بىرئازدىن كېيىن، ئۇ يەردە تۇرغانلار پېترۇسقا يەنە: - شۈبھىسىزكى، سەن ئۇنىڭ شاگىرتلىرىنىڭ بىرى. تەلەپپۇزۇڭدىن سېنىڭمۇ جەلىلىيىلىك ئىكەنلىكىڭ چىقىپ تۇرمامدۇ؟! - دېيىشتى.
دەل شۇ چاغدا، خوراز ئىككىنچى قېتىم چىللىدى. پېترۇس ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆزىگە: «خوراز ئىككى قېتىم چىللاشتىن بۇرۇن، سەن مەندىن ئۈچ قېتىم تانىسەن» دېگەن سۆزىنى ئېسىگە ئېلىپ، كۆڭلى بۇزۇلۇپ يىغلاپ كەتتى.