Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 بۇ ئەتىرنىڭ قىممىتى بىر يىللىق كىرىمىمىزگە تەڭ كېلىدىكەن! ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشىپ، ئايالغا تاپا-تەنە قىلىشقا باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 14:5
17 Referans Kwoze  

ئۇلارنىڭ ئورتاق پۇلى يەھۇدادا بولغانلىقتىن، بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: «ھېيتلىق نەرسىلەرنى ئېلىپ كەل» ياكى «كەمبەغەللەرگە بىر نەرسە بەر» دېمەكچى بولسا كېرەك، دەپ ئويلاشتى.


بۇ كىشىلەر ھامان غوتۇلداپ، ئاغرىنىپ يۈرىدۇ. ئۆز ھەۋەسلىرىنىڭ كەينىگە كىرىدۇ، ماختىنىپ سۆزلەيدۇ، ئۆز مەنپەئىتى ئۈچۈن باشقىلارغا خۇشامەتچىلىك قىلىدۇ.


ھەرقانداق ئىش قىلغاندا ئاغرىنماڭلار، تاكاللاشماڭلار.


بۇرۇن ئوغرىلىق قىلغانلار ئەمدى ئوغرىلىق قىلمىسۇن. ئەكسىچە، ئىككى بىلىكىگە تايىنىپ ساداقەتمەنلىك بىلەن ئىشلىسۇن. تاپقىنىدىن ھاجەتمەنلەرگە ئۈلەشتۈرسۇن.


بىز ئۇلارنىڭ بەزىلىرىدەك خۇدادىن نارازى بولۇپ، ئۇنىڭدىن ئاغرىنمايلى. شۇ چاغدا، بۇنداق قىلغانلار خۇدا ئەۋەتكەن جان ئالغۇچى پەرىشتە تەرىپىدىن ئۆلتۈرۈلگەنىدى.


- ماڭا غودۇڭشىماڭلار، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا، -


فىلىپ جاۋابەن: - ھەممەيلەننىڭ بىر بۇردىدىن نان يېيىشى ئۈچۈن، يېرىم يىللىق كىرىممۇ يەتمەيدۇ! - دېدى.


پەرىسىيلەر بىلەن تەۋرات ئۇستازلىرى غوتۇلدىشىپ: - بۇ ئادەم نېمىشقا دائىم گۇناھكارلارنى قارشى ئالىدۇ ۋە ئۇلار بىلەن بىر داستىخاندا ئولتۇرىدۇ؟ - دېيىشتى.


ئۇلار ئىش ھەققىنى ئالغاندىن كېيىن، يەر ئىگىسىدىن رەنجىپ:


لېكىن، چاكار ئۇ يەردىن چىقىپ، ئۆزىگە بىرنەچچە تەڭگە قەرزدار بولغان يەنە بىر چاكارنى ئۇچرىتىپتۇ. ئۇنى تۇتۇۋېلىپ، بوينىنى سىقىپ تۇرۇپ: «قەرزىڭنى تۆلە» دەپتۇ.


قاقشاپ تۇرۇپ ئۇلار ئۆز چېدىرلىرىدا، قۇلاق سالمىدى پەرۋەردىگارنىڭ ئاۋازىغا.


ئۇلار چېدىرلىرىدا پەرۋەردىگاردىن ئاغرىنىپ: «پەرۋەردىگار بىزگە ئۆچ بولغاچقا، بىزنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، ئامور خەلقىنىڭ قولى بىلەن بىزنى يوقاتماقچى بولغان ئوخشايدۇ.


بەزىلەر بۇنىڭغا خاپا بولۇپ، بىر-بىرىگە: - خۇش پۇراق ئەتىرنى بۇنداق ئىسراپ قىلغاننىڭ نېمە پايدىسى؟


- ئايالنىڭ ئىختىيارىغا قويۇۋېتىڭلار، ئۇنى خىجىل قىلىپ نېمە قىلىسىلەر؟ ئۇ مەن ئۈچۈن ياخشى ئىش قىلدى.


بۇ ئەتىر جىق پۇلغا يارايتتى. ئۇ سېتىلىپ پۇلى كەمبەغەللەرگە بېرىلسە بولاتتى، - دېيىشتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite