5 ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا چۈشەندۈرۈشكە باشلىدى: - باشقىلارنىڭ ئازدۇرۇشىدىن ھوشيار بولۇڭلار.
ئېھتىياتچان بولۇڭلار، ھېچكىم سىلەرنى قۇرۇق پەلسەپە ۋە يالغان سەپسەتىلەر بىلەن ئازدۇرۇپ كەتمىسۇن. بۇلار ئەيسا مەسىھنىڭ تەلىمىدىن ئەمەس، بەلكى ئىنسانلارنىڭ ئەنئەنىلىرى ۋە بۇ دۇنيادىكى يامان روھىي كۈچلەرنىڭ تەسىرلىرىدىن كەلگەن.
بۇنداق ئىشلارغا باھانە كۆرسىتەلەيدىغانلار يالغان-ياۋىداق سۆزلىرى بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، خۇدانىڭ غەزىپى بۇنداق ئىشلارنى سادىر قىلىپ، خۇداغا بويسۇنمىغانلارنىڭ ئۈستىگە چۈشىدۇ.
قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار، يەنى ئىسرائىللارنى تاللىغان خۇدا يەنە مۇنداق دەيدۇ: ‹ئاراڭلاردىكى ساختا پەيغەمبەرلەر ۋە پالچىلار سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. ئۇلارنىڭ قۇلاقلىرىڭلارغا خۇش ياقىدىغان چۈشلىرىگە ئىشەنمەڭلار.
قەدىرلىك قېرىنداشلار، «مۇقەددەس روھ ئارقىلىق ۋەھىي يەتكۈزدۇم» دەيدىغانلارنىڭ ھەممىسىگىلا ئىشەنمەڭلار. ئۇلارنىڭ روھىنىڭ خۇدادىن كەلگەن-كەلمىگەنلىكىنى پەرقلەندۈرۈش ئۈچۈن، ئۇلارنى سىناڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن ساختا پەيغەمبەرلەر دۇنيانىڭ ھەممە جايلىرىدا پەيدا بولدى.
ھەرقانداق ئادەم ھەرقانداق ئۇسۇل بىلەن سىلەرنى ئالداپ كەتمىسۇن. چۈنكى، ئاخىر زاماندا خۇداغا قارشى چوڭ توپىلاڭ يۈز بەرمىگۈچە ۋە مەڭگۈلۈك ھالاكەتكە مەھكۇم قىلىنغۇچى، يەنى «خۇداغا قارشى چىققۇچى» ئاشكارىلانمىغۇچە، بۇ كۈن يېتىپ كەلمەيدۇ.
مۇنداق سۆزلەرگە ئالدانماڭلار، چۈنكى «يامان بىلەن دوست بولساڭ، ياخشى ئەخلاقنى بۇزار.»
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.
- بىزگە ئېيتىڭچۇ، بۇ دېگەنلىرىڭىز قاچان يۈز بېرىدۇ؟ بۇلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بىلدۈرىدىغان قانداق بېشارەت بولىدۇ؟ - دەپ سوراشتى.
نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.