Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:22 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

22 چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:22
16 Referans Kwoze  

چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار ھەتتا خۇدا تاللىغانلارنىمۇ چوڭ مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.


نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ، «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.


سىلەرنى ئازدۇرماقچى بولغانلارنى كۆزدە تۇتۇپ، بۇلارنى سىلەرگە يازدىم.


- ئالدىڭلارغا قوي تېرىسىگە ئورىنىۋېلىپ كەلگەن، ئىچى يىرتقۇچ چىلبۆرىدەك ساختا پەيغەمبەرلەردىن ھوشيار بولۇڭلار.


سەن كۆرگەن دىۋە بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق. ئۇ كېيىن تېگى يوق ھاڭدىن چىقىپ، ھالاكەتكە يۈزلىنىدۇ. يەر يۈزىدە ياشايدىغان، ئەمما دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان نامى ھاياتلىق دەپتىرىگە پۈتۈلمىگەن كىشىلەر دىۋىنى كۆرۈپ ئىنتايىن ھەيران قالىدۇ. چۈنكى، ئۇ بىر زامانلاردا بار ئىدى، ھازىر يوق، لېكىن يەنە پەيدا بولىدۇ.


ئۇلار ئارىمىزدىن چىقتى، لېكىن ئۇلار بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەس. چۈنكى، بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن بولغان بولسا، بىزدىن ئايرىلمىغان بولاتتى. ئۇلارنىڭ ئايرىلىپ كېتىشى ھېچقايسىسىنىڭ راستتىنلا بىزنىڭ كىشىلىرىمىزدىن ئەمەسلىكىنى كۆرسىتىپ بەردى.


شۇنىڭ بىلەن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سىلەر جەلىلىيىلىكلەر مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرمىگۈچە، ماڭا ئېتىقاد قىلمايدىغان ئوخشايسىلەر! - دېدى.


دۇنيا يارىتىلغاندىن بۇيان، بوغۇزلانغان قوزىنىڭ ھاياتلىق دەپتىرىگە نامى يېزىلغانلاردىن باشقا، يەر يۈزىدە ياشايدىغان ھەممە ئىنسان ئۇنىڭغا چوقۇنىدۇ.


بىراق، خۇدا قۇرغان ئۇل ئۇل - ئېتىقادچىلار جامائەتچىلىكىنى، خۇدانىڭ ھەقىقىتىنى ياكى ئەيسا مەسىھنىڭ ئۆزىنى كۆرسىتىشى مۇمكىن. مەزمۇت تۇرماقتا. ئۇنىڭدا مۇنۇ سۆزلەر مۆھۈرلىنىپ يېزىلغان: ╟رەببىمىز ئۆزىگە مەنسۇپ كىشىلەرنى تونۇيدۇ╚، ╟ئۆزلىرىنى رەببىمىزگە مەنسۇپ دەيدىغان كىشىلەر يامانلىقلاردىن قول ئۈزسۇن.╚


_ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەۋالغان بىرى ياكى چۈشكە تەبىر بەرگۈچى ئاراڭلاردا پەيدا بولۇپ، سىلەرگە كارامەت ۋە مۆجىزە كۆرسىتىمەن دېسە


ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.


شۇنىڭ ئۈچۈن، ھوشيار بولۇڭلار. مەن بۇلارنىڭ ھەممىسىنى ئېيتىش بىلەن، سىلەرنى ئالدىنئالا ئاگاھلاندۇرۇپ قويدۇم.


ئەزىز بالىلىرىم، زامان ئاخىرى بولۇپ قالدى. سىلەر ئەيسا مەسىھنىڭ رەقىبىنىڭ ئاخىر زاماندا كېلىدىغانلىقىنى ئاڭلىغان. ئەمەلىيەتتە، ھازىرنىڭ ئۆزىدىلا نۇرغۇنلىرى مەيدانغا چىقتى. بۇنىڭدىن زامان ئاخىرى بولۇپ قالغانلىقى بىزگە مەلۇم.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite