21 ئەگەر ئۇ چاغدا بىرى سىلەرگە: «قاراڭلار، قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ بۇ يەردە!» ياكى «قاراڭلار، مەسىھ ئەنە ئۇ يەردە!» دېسە، ئىشەنمەڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا مۇنداق دېدى: - ئازدۇرۇلۇپ كېتىشتىن ھوشيار بولۇڭلار. چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن!» ۋە «قىيامەت كۈنى يېقىنلاپ قالدى!» دەيدۇ. سىلەر ئۇنداق كىشىلەرگە ئەگەشمەڭلار.
چۈنكى، نۇرغۇن كىشىلەر مېنىڭ نامىمنى سېتىپ: «قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ مەن بولىمەن» دەۋېلىپ، كۆپ ئادەملەرنى ئازدۇرىدۇ.
مەن ئاتامنىڭ نامى بىلەن كەلسەم، سىلەر مېنى قوبۇل قىلمايسىلەر. ھالبۇكى، باشقىلار ئۆز نامى بىلەن كەلسە، ئۇنى قوبۇل قىلىسىلەر.
پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئازايتمىسىدى، ھېچكىم قۇتۇلالمايتتى. لېكىن، پەرۋەردىگار ئۇ كۈنلەرنى ئۆزى تاللىغانلىرى ئۈچۈن ئازايتقان.
چۈنكى، ساختا مەسىھلەر، ساختا پەيغەمبەرلەر مەيدانغا كېلىدۇ. ئەگەر مۇمكىن بولسىدى، ئۇلار خۇدا تاللىغانلارنى مۆجىزىلەر ۋە كارامەتلەر بىلەن ئازدۇرغان بولاتتى.