ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 13:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا: - سەن بۇ ھەيۋەتلىك ئىمارەتلەرنى كۆرۈۋاتامسەن؟ بۇ يەردىكى ھەممە نەرسە گۇمران قىلىنىدۇ، ھەتتا بىر تال ئۇل تېشىمۇ جايىدا قالدۇرۇلمايدۇ، - دېدى. Gade chapit la |
_ پادىشاھ خىزكىيا يەھۇدىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىۋاتقان ۋاقىتلاردا، موراشىتلىك مىكاھ يەھۇدىيەدىكى بارلىق خەلققە ۋەھىي يەتكۈزۈپ: «قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: ‹سىئون تېغى خۇددى ئېتىزلاردەك ئاغدۇرۇلىدۇ، يېرۇسالېم خارابىلىككە ئايلىنىدۇ، ئىبادەتخانا جايلاشقان تاغنى چاتقاللار قاپلايدۇ›» دېگەنىدى.
بۇ ۋاقىت ئۆتكەندىن كېيىن، خۇدا تاللىغان پادىشاھ ئۆلتۈرۈلۈپ، ئۇنىڭغا ياردەم بەرگۈدەك ئادەم قالمايدۇ. ئاندىن كېيىن بىر ھۆكۈمران مەيدانغا كېلىپ، قوشۇنلىرى بىلەن شەھەر ۋە ئىبادەتخانىنى ۋەيران قىلىدۇ. ئاقىۋىتى خۇددى كەلكۈن كەلگەندەك بولىدۇ. ئۇرۇشلار يۈز بېرىپ، ئۇرۇش ۋەيرانچىلىقى خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن تاكى بۇ دەۋر ئاخىرلاشقۇچە داۋاملىشىدۇ.