10 لېكىن، خۇش خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە زامان ئاخىرىدىن بۇرۇن يەتكۈزۈلۈشى كېرەك.
خۇدانىڭ پادىشاھلىقى ھەققىدىكى بۇ خۇش خەۋەرنىڭ بارلىق مىللەتلەرگە ئاڭلىتىلىشى ئۈچۈن، ئۇ پۈتۈن دۇنياغا تارقىتىلىدۇ، ئاندىن زامان ئاخىرى كېلىدۇ.
لېكىن، سىلەر چوقۇم ئېتىقادىڭلاردا تەۋرەنمەي، چىڭ ۋە مۇستەھكەم تۇرۇشۇڭلار، خۇش خەۋەر سىلەرگە ئېلىپ كەلگەن ئۈمىدتىن ۋاز كەچمەسلىكىڭلار كېرەك. بۇ خۇش خەۋەر پۈتۈن يەر-يۈزىدە يەتكۈزۈلۈۋاتقان بولۇپ، مەن پاۋلۇسمۇ ئۇنى يەتكۈزۈشكە تەيىنلەندىم.
بۇنىڭ كەينىدىن، ئاسماننىڭ قەرىدە ئۇچۇپ يۈرگەن باشقا بىر پەرىشتىنى كۆردۈم. بۇ پەرىشتە يەر يۈزىدە ياشايدىغانلارغا، يەنى ھەربىر خەلق، قەبىلە ۋە ھەر خىل تىلدا سۆزلىشىدىغان مىللەتلەرگە يەتكۈزىدىغان مەڭگۈلۈك خۇش خەۋەرنى ئېلىپ كەلگەنىدى.
خۇش خەۋەر سىلەرگە يەتكەندە، سىلەر خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتىنى ھەقىقىي تونۇپ يەتتىڭلار. ئۇشبۇ خۇش خەۋەر ئاراڭلاردا بىرىنچى كۈندىن تارتىپ مېۋە بېرىپ، ئۆز تەسىرىنى كۆرسەتكىنىدەك، ھازىرمۇ دۇنيانىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا شۇنداق قىلماقتا.
لېكىن سىلەردىن شۇنى سورايمەنكى، ئىسرائىللار بۇ خۇش خەۋەرنى ئاڭلىمىغاندىمۇ؟ ئەلۋەتتە ئاڭلىدى. بۇ خۇددى مۇقەددەس يازمىلاردا يېزىلغىنىدەك: «ئۇلارنىڭ ساداسى پۈتۈن دۇنياغا، سۆزلىرى زېمىننىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغا يەتتى.»
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا بېرىپ، پۈتۈن ئىنسانلارغا خۇش خەۋەرنى جاكارلاڭلار.
ئالدى بىلەن ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ھەممىڭلار ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر ئېيتىمەن. چۈنكى، ئېتىقادىڭلار دۇنيانىڭ ھەممىلا يېرىدە سۆزلەنمەكتە.
قىيامەت كۈنى نىنەۋى شەھىرىدىكى خەلقمۇ قوپۇپ، سىلەرنىڭ ئۈستۈڭلاردىن شىكايەت قىلىدۇ. چۈنكى، ئۇلار يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ تەلىمىنى ئاڭلاپ، يامان يولدىن قايتقان. بىراق، بۇ يەردە يۇنۇس پەيغەمبەردىنمۇ ئۇلۇغ بىرسى سىلەرنى يامان يولدىن قايتىشقا چاقىرسا، قۇلاق سالمىدىڭلار.