ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 12:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى13 شۇنىڭدىن كېيىن، يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئۇنىڭ ئۆزىنىڭ سۆزلىرى بىلەن تۇزاققا چۈشۈرۈش مەقسىتىدە پەرىسىيلەردىن ۋە رىمدىن تەيىنلەنگەن ھىرود پادىشاھنىڭ تەرەپدارلىرىدىن بەزىلەرنى ئۇنىڭ يېنىغا ئەۋەتتى. Gade chapit la |
ئۇلار كېلىپ ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ سەمىمىي ئادەم ئىكەنلىكىڭىزنى، ھېچكىمگە يۈز-خاتىر قىلمايدىغانلىقىڭىزنى بىلىمىز، چۈنكى كىشىلەرنىڭ سىرتقى قىياپىتى بىلەن ھېسابلاشماي، ئۇلارغا خۇدانىڭ يولىنى سادىقلىق بىلەن ئۆگىتىپ كەلدىڭىز. سىزچە رىم ئىمپېراتورى قەيسەرگە باج تاپشۇرۇشىمىز تەۋرات قانۇنىمىزغا خىلاپمۇ قانداق؟ زادى باج تاپشۇرامدۇق-تاپشۇرمامدۇق؟ - دېيىشتى.