11 بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»
پەرۋەردىگارنىڭ قىلغان ئىشىدۇر بۇ، كۆز ئالدىمىزدا كارامەت بولدى ئۇ.
يات ئەللەرگە نەزەر سېلىڭلار، ئۇلارغا ياخشىلاپ قاراپ بېقىڭلار! كۆرگەنلىرىڭلاردىن ھەيران قالىسىلەر. مەن سىلەرنىڭ زامانىڭلاردا شۇنداق بىر ئىش قىلماقچىمەنكى، سىلەر ئاڭلاپمۇ، ئىشەنمەيسىلەر.
ھەممەيلەنگە مەلۇمكى، ئېتىقادىمىزنىڭ سىرى بۈيۈكتۇر: ئەيسا مەسىھ ئىنسان تېنىدە ئايان بولدى، مۇقەددەس روھ ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى ئىسپاتلىدى، ئۇ پەرىشتىلەرگە كۆرۈندى، ئۇ توغرىسىدىكى خەۋەر پۈتكۈل مىللەتلەرگە جاكارلاندى، ئىنسانلار ئۇنىڭغا ئېتىقاد قىلدى، ئۇ ئۇلۇغلۇق ئىچىدە ئەرشكە كۆتۈرۈلدى.
خۇدا بۇ سىرنىڭ سىلەر يەھۇدىي ئەمەسلەرگىمۇ ھەقىقىي ئۇلۇغلۇق ئېلىپ كېلىدىغانلىقىنى ئۆز مۇقەددەس خەلقىگە بىلدۈرۈشتىن سۆيۈندى. بۇ سىر دەل ئەيسا مەسىھنىڭ قەلبىڭلاردا ئىكەنلىكىدۇر. بۇ سىلەر ئۈمىد قىلغان ئۇلۇغلۇققا كەلگۈسىدە ئېرىشىشىڭلارنىڭ كاپالىتىدۇر.
ئۇلار تېڭىرقاپ قالغانلىقىدىن ھەيرانلىق بىلەن بىر-بىرىگە: - بۇ زادى قانداق ئىشتۇ؟ - دېيىشتى.
ھېچبىر سېھىرگەرلىك ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا كار قىلمايدۇ، ھەرقانداق قارغىشمۇ ئىسرائىللارنى ۋەيران قىلالمايدۇ. ۋاقتى كەلگەندە كىشىلەر ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرى ئىسرائىللار ھەققىدە سۆزلىشىپ: ‹قاراڭلار، خۇدانىڭ بۈيۈك ئىشلىرىغا!› دەيدۇ.
لابان بىلەن بېتۇئېل غوجىدارغا: _ بۇ ئىش پەرۋەردىگارنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى ئىكەن، بىز نېمە دېيەلەيمىز!
كېرەكسىز بىلىنگەن تاش تامچىلارغا، ئۇلتاش بولدى قۇرۇلۇشقا.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلاردىن سورىدى: - زەبۇردىكى مۇنۇ سۆزلەرنى زادى ئوقۇمىغانمىدىڭلار؟ «تامچىلار تاشلىۋەتكەن تاش قۇرۇلۇشنىڭ ئۇل تېشى بولۇپ قالدى. بۇ، پەرۋەردىگار تەرىپىدىندۇر، بىز ئۈچۈن ئاجايىپ بىر ئىشتۇر.»