9 ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.
شۇنى بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر: «رەببىمىز ئەۋەتكەن قۇتقۇزغۇچىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ماڭا ئىشەنمىگۈچە، مېنى قايتىدىن كۆرەلمەيسىلەر.
- يوقىتىڭ، يوقىتىڭ، ئۇنى كرېستكە مىخلىتىڭ! - دەپ ۋارقىراشتى يەھۇدىيلار. - مېنى پادىشاھىڭلارنى كرېستكە مىخلاتسۇن دەمسىلەر؟ - دېدى ۋالىي پىلاتۇس. ئالىي روھانىيلار: - رىم ئىمپېراتورىدىن باشقا پادىشاھىمىز يوق! - دەپ توۋلاشتى.
ئۇلار قوللىرىغا خورما شاخلىرىنى تۇتۇشقان ھالدا ئۇنى قارشى ئالغىلى چىقىشتى ۋە «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھىغا مۇبارەك بولسۇن!» دەپ ۋارقىراشتى.
نۇرغۇن خالايىقنىڭ بەزىلىرى چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.