8 نۇرغۇن خالايىقنىڭ بەزىلىرى چاپانلىرىنى، بەزىلىرى ئۆپچۆرىدىكى ئېتىزلاردىن كەسكەن شاخ-شۇمبىلارنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى.
بىرىنچى كۈنى ئەڭ ياخشى مېۋىلەردىن ئۈزۈۋېلىڭلار. خورما دەرىخىنىڭ شاخلىرىدىن، يوپۇرماقلىرى قويۇق بولغان دەرەخ شاخلىرىدىن ۋە دەريا بويىدىكى سۆگەت تاللىرىدىن ئېلىپ، كەپە تىكىڭلار ۋە مېنىڭ ھۇزۇرۇمدا يەتتە كۈن شاد-خۇراملىق بىلەن ھېيت ئۆتكۈزۈڭلار.
شۇنىڭ بىلەن ئۇلار دەرھال تونلىرىنى پەلەمپەيگە سېلىپ، ئۇنىڭ ئۈچۈن پايانداز قىلدى ۋە بۇرغا چېلىپ، «يېھۇ پادىشاھ بولدى» دەپ جاكارلىدى.
نۇرغۇن كىشىلەر چاپانلىرىنى يولغا پايانداز قىلىپ سالدى. بەزىلىرى دەرەخ شاخلىرىنى كېسىپ يولغا يايدى.
شاگىرتلار تەخەينى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا يېتىلەپ كېلىپ، ئۈستىگە ئۆز چاپانلىرىنى سالدى. ھەزرىتى ئەيسا تەخەيگە مىندى.
ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەنلەر: «خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن!