Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:32 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

32 بىراق، بىز قانداقمۇ: «ئىنسانلار بەرگەن» دېيەلەيمىز؟! - دېيىشتى. چۈنكى، ئۇلار يەھيانى ھەقىقەتەن پەيغەمبەر، دەپ ھېسابلايدىغان خەلقتىن قورقاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:32
15 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسانىڭ بۇ تەمسىلنى ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتقانلىقىنى چۈشەنگەن يەھۇدىيلارنىڭ چوڭلىرى ئۇنى تۇتقۇن قىلماقچى بولدى. لېكىن، خەلقتىن قورقۇپ، ئۇنى تاشلاپ كېتىپ قالدى.


ئۇنى تۇتۇشنى ئويلىسىمۇ، خەلقتىن قورقۇشتى، چۈنكى خەلق ئۇنى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


ھىرود شۇ سەۋەبتىن يەھيانى ئۆلتۈرمەكچى بولغان بولسىمۇ، بىراق خەلقتىن قورققانىدى، چۈنكى خەلق يەھيانى پەيغەمبەر، دەپ قارايتتى.


بۇنىڭ بىلەن، ھېلىقى قاراۋۇللار باشلىقى قول ئاستىدىكىلەرنى باشلاپ بېرىپ، ئەلچىلەرنى ئېلىپ كەلدى. بىراق، خەلقنىڭ ئۆزلىرىنى چالما-كېسەك قىلىشىدىن قورقۇپ، ئۇلارغا زورلۇق ئىشلەتمىدى.


نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ يېنىغا كەلدى. ئۇلار: - يەھيا پەيغەمبەر ھېچ مۆجىزە كۆرسەتمىگەن، لېكىن بۇ ئادەم توغرىسىدا ئېيتقانلىرىنىڭ ھەممىسى توغرا چىقتى! - دېيىشتى.


ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى ھەزرىتى ئەيسانى بىر ئامال قىلىپ ئۆلتۈرۈۋېتىشنىڭ چارىسىنى ئىزدىدى. بىراق، ئۇلار ئۇنى قوللايدىغان خەلقتىن قورققانلىقتىن، ئۇنى مەخپىي ھالدا تۇتماقچى بولۇشتى.


تەۋرات ئۇستازلىرى بىلەن ئالىي روھانىيلار بۇ تەمسىلنىڭ ئۆزلىرىگە قارىتىپ ئېيتىلغانلىقىنى چۈشىنىپ يېتىپ، ھەزرىتى ئەيسانى شۇ چاغدىلا تۇتماقچى بولدى. لېكىن، ئۇلار خەلقتىن قورقۇشتى.


چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.


ئەمەلىيەتتە، سىلەر بىر پەيغەمبەرنى كۆرگىلى چىقتىڭلار. ئەمدى بىلىپ قويۇڭلاركى، يەھيا پەيغەمبەردىنمۇ ئۈستۈندۇر.


ئۇلار ئۆزئارا مۇنازىرە قىلىشقا باشلاپ: - ئەگەر «خۇدا بەرگەن» دېسەك، ئۇ: «ئۇنداقتا سىلەر نېمە ئۈچۈن يەھياغا ئىشەنمىدىڭلار؟» دەيدۇ.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا: - بىلمەيمىز، - دەپ جاۋاب بېرىشتى. - ئۇنداقتا، مەنمۇ بۇ ئىشلارنى قايسى ھوقۇققا تايىنىپ قىلىۋاتقانلىقىمنى ئېيتمايمەن، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite