16 مال كۆتۈرۈۋالغان ھەرقانداق ئادەمنىڭ ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدىن ئۆتۈشىگە رۇخسەت قىلمىدى.
ئۇلار يېرۇسالېمغا كەلدى. ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىغا كىرىپ، ئۇ يەردە ئېلىم-سېتىم قىلىۋاتقانلارنىڭ ھەممىسىنى ھەيدەپ چىقىرىشقا باشلىدى. پۇل تېگىشىدىغانلارنىڭ شىرەلىرىنى ۋە كەپتەر ساتقۇچىلارنىڭ ئورۇندۇقلىرىنى ئۆرۈپ،
ئۇ خەلققە تەلىم بەرگەندە، مۇنداق دېدى: - مۇقەددەس يازمىلاردا خۇدانىڭ: «مېنىڭ ئۆيۈم پۈتكۈل خەلقلەرنىڭ دۇئا-تىلاۋەتخانىسى دەپ ئاتالسۇن» دېگەن سۆزى يېزىلغان ئەمەسمۇ؟ لېكىن، سىلەر ئۇنى بۇلاڭچىلارنىڭ ئۇۋىسىغا ئايلاندۇرۇۋاپسىلەر! - دېدى.