Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:13 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

13 ئۇ يىراقتىكى بار اقسان بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ھېچبولمىغاندا توڭ ئەنجۈر بولسىمۇ باردۇ دەپ، ئۇنىڭغا قاراپ ماڭدى. دەرەخنىڭ يېنىغا بارغىنىدا، يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالمىدى. بۇ، ئەنجۈر پىشىدىغان ۋاقىت ئەمەس ئىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:13
10 Referans Kwoze  

ئۇ يول بويىدىكى بىر تۈپ ئەنجۈر دەرىخىنى كۆرۈپ، ئۇنىڭ يېنىغا باردى. دەرەختە يوپۇرماقتىن باشقا ھېچ نەرسە تاپالماي، دەرەخكە قاراپ: - بۇنىڭدىن كېيىن مەڭگۈ مېۋە بەرمىگەيسەن! - دېۋىدى، ئەنجۈر دەرىخى شۇئان قۇرۇپ كەتتى.


قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئۈزۈمزارلىقى ئىسرائىل خەلقىدۇر، يەھۇدىيە پۇقراسى ئۇنىڭ خۇشتار بولغان ئۆسۈملۈكىدۇر. ئۇ ئادالەتنى ئارزۇ قىلغانىدى، بىراق قان تۆكۆلۈشنى كۆردى، ئۇ ھەققانىيلىقنى كۈتكەنىدى، بىراق نالە-پەريادنى ئاڭلىدى.


ئۇزۇن ئۆتمەي، بىر يەھۇدىي روھانىي شۇ يولدىن كېلىۋېتىپ، ھېلىقى ئادەمنى كۆرۈپ، پىسەنت قىلماي يولنىڭ ئۇ چېتى بىلەن مېڭىپ ئۆتۈپ كېتىپتۇ.


ئاندىن قاراپ تۇرۇڭلار، ئەگەر ھارۋا ئىسرائىللارنىڭ بەيت-شەمەش شەھىرىگە بارىدىغان يول بىلەن ماڭسا، بۇ بالايىئاپەتنى ئەۋەتكۈچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئىكەن، دەپ بىلىمىز. ئەگەر ھارۋا ئۇ يول بىلەن ماڭمىسا، دېمەك، بىزنى جازالىغۇچى ئىسرائىللارنىڭ خۇداسى ئەمەس، بەلكى بۇ بىر تاسادىپىيلىق ئىكەن، دەپ بىلىمىز.


رۇت ئېتىزغا بېرىپ، ئورمىچىلارنىڭ كەينىدىن مېڭىپ، چېچىلىپ كەتكەن ئارپا باشاقلىرىنى تەردى. بۇ ئېتىز دەل بوئازنىڭ ئىدى.


ئۇ ئاغدۇرۇپ يېرىنى، تېرىپ تاشلاپ تاشلىرىنى، تىكتى ئۇ يەرگە سورتلۇق ئۈزۈم كۆچەتلىرىنى. ياسىدى ئۇ يەرگە بىر كۆزەت كەپىسى، ھەتتا قازدى ھەم بىر شاراب كۆلچىكى. كۈتكەنىدى ئۇ، بۇ يەردىن ياخشى ھوسۇلنى، بىراق ناچار چىقتى ئۇنىڭ ئۈزۈملىرى.»


ئەتىسى ئۇلار بەيتانىيادىن چىققاندا، ھەزرىتى ئەيسانىڭ قورسىقى ئېچىپ كەتكەنىدى.


ھەزرىتى ئەيسا دەرەخكە: - بۇنىڭدىن كېيىن ھېچكىم سېنىڭ مېۋەڭنى يېمىگەي! - دېدى. شاگىرتلىرىمۇ بۇنى ئاڭلىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite