Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئەجدادىمىز داۋۇتنىڭ پادىشاھلىقىنىڭ ئىزباسارىغا مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 11:10
13 Referans Kwoze  

«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.


پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانا ئوقۇڭلار! مەدھىيەلەڭلار ئەرشتىكىلەر خۇدانى، مەدھىيەلەڭلار ئاسمان-پەلەكتە ئۇنى.


شۇنىڭدىن كېيىن ئىسرائىلىيە خەلقى نىيىتىنى ئۆزگەرتىپ، ئۆزلىرىنى تاللىغان پەرۋەردىگار خۇداغا ۋە ئۆزلىرىنىڭ پادىشاھى بولغان داۋۇتنىڭ ئەۋلادىغا يۈزلىنىدۇ. كېيىنكى ۋاقىتلاردا، ئۇلار ئىخلاسمەنلىك بىلەن پەرۋەردىگارنىڭ يولىغا قايتىپ، شەپقەتكە ئېرىشىدۇ.


شۇنىڭغا ئوخشاش، ياقۇپ ئەۋلادلىرى ۋە خىزمەتكارىم داۋۇت بىلەن تۈزگەن ئەھدەم ئۆزگەرمەستۇر. داۋۇت ئەۋلادلىرىدىن بىرىنى تاللاپ ئىبراھىم، ئىسھاق ۋە ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ھۆكۈمرانلىق قىلدۇرىمەن. مەن خەلقىمگە ناھايىتى مېھرىبان بولۇپ، ئۇلارنى قايتىدىن ئەسلىگە كەلتۈرىمەن.»


ئۇنىڭ ئۈستىگە ئۆزۈڭلارچە: «بىز ئىبراھىمنىڭ ئەۋلادى بولغانلىقىمىز ئۈچۈن، خۇدا گۇناھلىرىمىزنى چوقۇم كەچۈرىدۇ» دەپ ئويلاپ يۈرمەڭلار! چۈنكى سىلەرگە ئېيتىپ قويايكى، خۇدا بوۋىمىز ئىبراھىمغا مۇشۇ تاشلاردىنمۇ پەرزەنتلەرنى يارىتىپ بېرەلەيدۇ.


ئالدىدا ماڭغان ۋە كەينىدىن ئەگەشكەن خالايىق: «پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى ئۈچۈن خۇداغا شۈكۈر! پەرۋەردىگارىمىزنىڭ نامىدا كەلگۈچىگە مۇبارەك بولسۇن! ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شۈكۈرلەر ئوقۇلسۇن!» دەپ ۋارقىرىشاتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite