Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:43 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

43 بىراق، سىلەرنىڭ ئاراڭلاردا بۇنداق ئىش بولمىسۇن. سىلەردىن كىم مەرتىۋىلىك بولۇشنى خالىسا، ئۇ قالغانلارغا خىزمەت قىلسۇن.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:43
15 Referans Kwoze  

چۈنكى، خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئولتۇرۇپ ئون ئىككى شاگىرتىنى يېنىغا چاقىرىپ، ئۇلارغا: - كىم ئالدىنقىسى بولۇشنى خالىسا، ئەڭ ئاخىرقىسى ۋە ھەممەيلەننىڭ خىزمەتكارى بولسۇن، - دېدى.


شاگىرتلارغا: - كىم مېنى دەپ، بۇنداق كىچىك بالىنى قوبۇل قىلسا، مېنى قوبۇل قىلغان بولىدۇ. مېنى قارشى ئالسا، مېنى ئەۋەتكۈچىنى قارشى ئالغان بولىدۇ. ئاراڭلاردا ئۆزىنى ئەڭ تۆۋەن تۇتقىنى خۇدانىڭ نەزىرىدە ئەڭ ئۇلۇغ بولىدۇ، - دېدى.


بۇ دۇنيانىڭ ئېقىملىرىغا ئەگىشىپ يۈرمەڭلار، ئەكسىچە ئوي-پىكرىڭلار خۇدانىڭ يېڭىلىشى بىلەن پۈتۈنلەي ئۆزگەرسۇن. شۇ چاغدا، خۇدانىڭ ھاياتىڭلارغا بولغان ئىرادىسىنى ھەمدە بۇ ئىرادىنىڭ نەقەدەر ياخشى، نەقەدەر خۇرسەن قىلارلىق ۋە نەقەدەر مۇكەممەل ئىكەنلىكىنى بىلەلەيسىلەر.


قېرىنداشلار، سىلەر ئەركىنلىككە چاقىرىلدىڭلار. لېكىن، بۇ ئەركىنلىكىڭلار گۇناھكار تەبىئىتىڭلارنىڭ ئارزۇلىرىنى قاندۇرۇشنىڭ باھانىسى بولۇپ قالمىسۇن. ئەكسىچە، بۇنى بىر-بىرىڭلارغا مېھىر-مۇھەببەت بىلەن خىزمەت قىلىشنىڭ پۇرسىتى، دەپ بىلىڭلار.


- مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنياغا مەنسۇپ ئەمەس. ئەگەر مەنسۇپ بولسىدى، شاگىرتلىرىم مېنىڭ يەھۇدىيلارغا تاپشۇرۇلماسلىقىم ئۈچۈن جەڭ قىلغان بولاتتى. ھالبۇكى، مېنىڭ پادىشاھلىقىم بۇ دۇنيادىكى پادىشاھلىققا ئوخشىمايدۇ، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.


ئاڭلاپ قويۇڭلاركى، خۇدانىڭ نەزىرىدە بۇ ئىككىيلەندىن ھېلىقى پەرىسىي ئەمەس، بەلكى باجگىر كەچۈرۈمگە ئېرىشىپ ئۆيگە قايتىپتۇ، چۈنكى خۇدا ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقاننى تۆۋەن قىلىدۇ، ئۆزىنى تۆۋەن تۇتقاننى ئۈستۈن قىلىدۇ.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى يېنىغا چاقىرىپ، مۇنداق دېدى: - سىلەرگە مەلۇم، بۇ دۇنيادىكى ھۆكۈمران دەپ قارالغانلار قول ئاستىدىكى خەلق ئۈستىدىن رەھىمسىزلىك بىلەن ھاكىمىيەت يۈرگۈزىدۇ. ئەمىرلىرى ئۇلارنى قاتتىق قوللۇق بىلەن ئىدارە قىلىدۇ.


كىم بىرىنچى بولۇشنى خالىسا، ئۇ ھەممە ئادەمنىڭ قۇلى بولسۇن.


لېكىن، سىلەر بۇنداق قىلماڭلار. ئاراڭلاردىكى ئەڭ مەرتىۋىلىكلەر ئۆزلىرىنى ئەرزىمەس كىشىلەردەك تۇتسۇن. باشلىق بولغىنىڭلار باشقىلارغا خىزمەت قىلىڭلار.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite