Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 رىملىقلار ئۇنى مەسخىرە قىلىدۇ، يۈزىگە تۈكۈرىدۇ، ئۇنى قامچىلايدۇ ۋە ئۆلتۈرىدۇ. لېكىن، ئۇ ئۈچ كۈندىن كېيىن قايتا تىرىلىدۇ، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:34
24 Referans Kwoze  

بەزىلىرى ئۇنىڭغا تۈكۈرۈشكە باشلىدى. ئۇلار يەنە ئۇنىڭ كۆزلىرىنى باغلاپ، مۇشت ئېتىپ: «پەيغەمبەر بولساڭ، ئېيتىپ باققىنا، سېنى كىم ئۇردى؟» دېيىشتى. قاراۋۇللارمۇ ئۇنى ئارىسىغا ئېلىۋېلىپ كاچاتلىدى.


بۇنىڭ بىلەن، ئۇلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ يۈزىگە تۈكۈرۈپ، ئۇنىڭغا مۇشت ئاتتى. بەزىلىرى ئۇنى كاچاتلاپ:


شۇنىڭدىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۆزىنىڭ يېرۇسالېمغا كېتىشى، ئاقساقاللار، ئالىي روھانىيلار ۋە تەۋرات ئۇستازلىرى تەرىپىدىن كۆپ ئازاب-ئوقۇبەت تارتىشى، ئۆلتۈرۈلۈشى ۋە ئۈچىنچى كۈنى تىرىلدۈرۈلۈشى كېرەكلىكىنى شاگىرتلىرىغا ئۇقتۇرۇشقا باشلىدى.


ئۇنىڭغا: - بۇ شاراب بەك ياخشى ئىكەن! باشقا ساھىبخانىلار ياخشى شارابنى توينىڭ بېشىدا قۇيىدۇ. مېھمانلار خېلى قانغۇچە ئىچكەندىن كېيىن، ناچىرىنى قۇيىدۇ. ئەجەب، سەن ئەڭ ياخشى شارابنى مۇشۇ چاغقىچە ساقلاپسەن! - دېدى.


چۈنكى، تەۋرات قانۇنى مۇسا پەيغەمبەر ئارقىلىق يەتكۈزۈلگەن بولسا، خۇدانىڭ مېھىر-شەپقىتى ۋە ھەقىقىتى ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق يەتكۈزۈلدى.


ھىرود خان ۋە ئۇنىڭ لەشكەرلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ھاقارەتلەپ مەسخىرە قىلىشتى. ئاندىن كېيىن، ئۇنىڭغا پادىشاھلارچە ھەشەمەتلىك تون كىيدۈرۈپ، ئۇنى يەنە پىلاتۇسنىڭ ئالدىغا قايتۇردى.


بۇ سۆزنى ئاڭلىغان باش روھانىي كىيىملىرىنى يىرتىپ تاشلاپ: - ئەمدى باشقا ھېچقانداق گۇۋاھچىنىڭ ھاجىتى قالمىدى.


ئۇ كەمسىتىلدى، كىشىلەر تەرىپىدىن رەت قىلىندى، ئۇ ئازاب-ئوقۇبەت ۋە جەبىر-جاپانى يەتكۈچە تارتتى. كىشىلەر ئۇنىڭدىن يۈز ئۆرۈپ، نەپرەتلەندى، ئۇنى بىزمۇ ئادەم قاتارىدا كۆرمىگەنىدۇق.


ئارقا تەرىپىمدىن مېنى ئۇرغانلارغا مەن ئۆزۈمنى تۇتۇپ بەردىم، ساقىلىمنى يۇلغانلارغا يۈزۈمنى تۇتۇپ بەردىم. مېنى ھاقارەت قىلىپ يۈزۈمگە تۈكۈرگەنلەردىن ئۆزۈمنى قاچۇرمىدىم.


بىلىمەن، تاشلاپ قويمايسەن مېنى گۆر ئىچىگە، يول قويمايسەن تەقۋادارىڭنىڭ تېنىنىڭ چىرىشىگە.


ئىككى كۈن ئۆتۈپلا ئۇ بىزنى قايتا ھاياتلىققا ئېرىشتۈرىدۇ، ئۈچىنچى كۈنى كەلگەندە، ئۇ بىزنى ئورنىمىزدىن دەس تۇرغۇزىدۇ. شۇنداق قىلىپ، بىز ئۇنىڭ ھۇزۇرىدا ياشايمىز.


ئولجا تالىشىپ ھۆركىرىۋاتقان شىردەك ئۇلار گويا، ئېغىزلىرىنى يوغان ئاچتى خىرىس قىلىشىپ ماڭا.


ئۇلار مەندىن سەسكىنىدۇ، ماڭا يېقىنلىشىشنى خالىمايدۇ، خالىغانچە يۈزۈمگە تۈكۈرىدۇ.


- جانابلىرى، ئەيسانىڭ ھايات ۋاقتىدا: «مەن ئۆلۈپ ئۈچىنچى كۈنى تىرىلىمەن» دېگىنى ئېسىمىزدە.


چۈنكى، ئۇ شاگىرتلىرىغا تەلىم بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۆزى ھەققىدە: - ئىنسانئوغلى باشقىلارنىڭ قولىغا تاپشۇرۇلۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ. لېكىن، ئۆلتۈرۈلۈپ ئۈچ كۈندىن كېيىن تىرىلىدۇ، - دېگەنىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite