22 بۇ سۆزنى ئاڭلاش بىلەنلا بۇ ئادەمنىڭ چىرايى ئۆزگىرىپ، قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
كېيىن، ئۇ كۆپچىلىككە: - ھەر خىل ئاچكۆزلۈكتىن پەخەس بولۇڭلار ۋە ساقلىنىڭلار. چۈنكى، كىشى ھەرقانچە باي بولۇپ كەتسىمۇ، ئۇنىڭ ھاياتى مال-مۈلكىنىڭ كۆپلۈكىگە باغلىق ئەمەس، - دېدى
چۈنكى، قېرىندىشىمىز كىرىسكى گالاتىيا ئۆلكىسىگە، تىتۇس دالماتىيا ئۆلكىسىگە كەتتى. دېماس بولسا بۇ دۇنيانىڭ ئىشلىرىغا بېرىلىپ كەتكەنلىكى ئۈچۈن، مېنى تاشلاپ، سالونىكا شەھىرىگە كەتتى.
چۈنكى، شۇنى ئېنىق بىلىڭلاركى، جىنسىي ئەخلاقسىزلىق، ناپاكلىق ياكى ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ھەرقانداق ئادەمگە ئەيسا مەسىھنىڭ ۋە خۇدانىڭ پادىشاھلىقىدا ئورۇن يوق. ئاچكۆزلۈككە بېرىلگەن ئادەم خۇداغا ئىبادەت قىلىشنىڭ ئورنىغا مال-مۈلۈككە چوقۇنىدۇ-دە، بۇتپەرەسلەردىن پەرقلەنمەيدۇ.
ئۇلار ئادەتتىكى ۋاقىتلاردىكىدەك ئالدىڭغا توپلىشىپ كېلىپ، گېپىڭنى ئاڭلىشىدۇ، تۇرقىدىن مېنىڭ خەلقىمگە ئوخشايدۇ. لېكىن ئۇلار ئەمەلىيەتتە گېپىڭگە ئەمەل قىلمايدۇ. ئۇلار ئېغىزلىرىدا تاتلىق سۆزلىسىمۇ، لېكىن قەلبلىرىدە ھارام بايلىققا ئىنتىلىدۇ.
چۈنكى، خۇدانىڭ ئىرادىسى بىلەن چەككەن قايغۇ كىشىنى توۋا قىلدۇرۇپ، ئۇنى قۇتقۇزۇلۇشقا ئېلىپ بارىدۇ. بۇ خىل توۋا قىلىش كىشىنى پۇشايمان قىلدۇرمايدۇ. لېكىن، بۇ دۇنيانىڭ ھەلەكچىلىكى ئۈچۈن بولغان قايغۇ بولسا كىشىنى توۋا قىلدۇرۇشقا ئەمەس، بەلكى ئۆلۈمگە ئېلىپ بارىدۇ.
ھېلىقى كىشى بۇ گەپنى ئاڭلاپ كۆڭلى ئىنتايىن بىئارام بولدى، چۈنكى ئۇ ناھايىتى باي ئىدى.
بۇ سۆزنى ئاڭلىغان يىگىت قايغۇ ئىچىدە ئۇ يەردىن كېتىپ قالدى. چۈنكى، ئۇنىڭ مال-دۇنياسى ناھايىتى كۆپ ئىدى.
تىكەنلەرنىڭ ئارىسىغا چېچىلغىنى شۇنداق ئادەملەرگە تەمسىل قىلىنغانكى، بۇ ئادەملەر خۇدانىڭ سۆزىنى ئاڭلىسىمۇ، لېكىن كۆڭلىگە بۇ دۇنيانىڭ ئەندىشىلىرى، بايلىقنىڭ ئېزىقتۇرۇشى كىرىۋېلىپ، خۇدانىڭ سۆزىنى بوغۇۋېتىدۇ-دە، ئۇلار ھوسۇلسىز قالىدۇ.
ھىرود خان بۇنىڭغا ناھايىتى ئوڭايسىزلانغان بولسىمۇ، مېھمانلارنىڭ ئالدىدا قىلغان قەسىمى تۈپەيلىدىن، قىزنىڭ تەلىپىنى رەت قىلىشنى راۋا كۆرمىدى.
ھەزرىتى ئەيساغا ساتقۇنلۇق قىلغان يەھۇدا ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۆلۈمگە مەھكۇم قىلىنغانلىقىنى كۆرۈپ، ئۆز قىلمىشىغا پۇشايمان قىلدى ۋە ئالىي روھانىيلار بىلەن ئاقساقاللارغا ئوتتۇز كۈمۈش تەڭگىنى قايتۇرۇپ بېرىپ:
چۈنكى، يەھيا پەيغەمبەرنىڭ دۇرۇس ۋە خۇداغا ئاتالغان بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى بىلىدىغان ھىرود خان ئۇنىڭدىن قورقاتتى ۋە ئۇنى مۇھاپىزەت قىلاتتى. ھىرود يەھيا پەيغەمبەرنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان چاغلىرىدا نېمە قىلىشنى بىلەلمەي قالاتتى. بىراق، ئۇنىڭ سۆزلىرىنى يەنىلا قىزىقىپ ئاڭلايتتى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مېھرىبانلىق بىلەن قاراپ: - سىزدە قىلىشقا تېگىشلىك يەنە بىر ئىش كەم. بېرىپ پۈتۈن مال-مۈلكىڭىزنى سېتىپ، پۇلىنى كەمبەغەللەرگە بېرىڭ. شۇنداق قىلسىڭىز، ئەرشتە خەزىنىڭىز بولىدۇ. ئاندىن كېلىپ ماڭا ئەگىشىڭ! - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۆپچۆرىسىگە كۆز يۈگۈرتۈپ چىققاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - مال-دۇنياسى كۆپلەرنىڭ خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا كىرىشى نېمىدېگەن تەس-ھە! - دېدى.