13 قولىنى تەگكۈزۈپ بەخت تىلىسۇن دەپ، كىشىلەر كىچىك بالىلىرىنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كەلدى. بىراق، شاگىرتلار ئۇلارنى ئەيىبلىدى.
نۇرغۇن ئادەملەر ئۇنى ئەيىبلەپ، ئۈنىنى چىقارماسلىقىنى ئېيتتى. لېكىن، ئۇ: - ئى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، رەھىم قىلغايسىز، - دەپ تېخىمۇ قاتتىق توۋلىدى.
يۇھاننا ھەزرىتى ئەيساغا: - ئۇستاز، سىزنىڭ نامىڭىز بىلەن جىنلارنى ھەيدەۋاتقان بىرسىنى كۆردۇق. لېكىن، ئۇ بىزگە ئوخشاش سىزگە ئەگەشمىگەنلىكى ئۈچۈن، ئۇنى توستۇق، - دېدى.
خەلقنى يىغىڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنى پاكلىسۇن. ياشانغانلارنى ۋە بالىلارنى يىغىڭلار، ھەتتا بوۋاقلارمۇ يىغىلسۇن. يېڭى توي قىلغان قىز-يىگىتلەر ھۇجرىلىرىدىن چىقسۇن.