Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:1 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

1 ھەزرىتى ئەيسا ئۇ يەردىن ئايرىلىپ، يەھۇدىيە ئۆلكىسىنى بېسىپ ئۆتۈپ، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىكى رايونلارغا باردى. ئۇنىڭ ئەتراپىغا يەنە توپ-توپ ئادەم يىغىلغانىدى. ئۇ كۆپچىلىككە ھەر قېتىمقىدەك تەلىم بېرىشكە باشلىدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 10:1
17 Referans Kwoze  

ئاندىن، ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىغا، يەنى بۇرۇن يەھيا پەيغەمبەر ئادەملەرنى چۆمۈلدۈرگەن يەرگە كېتىپ، ئۇ يەردە تۇردى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەمسىل بىلەن نۇرغۇن ھېكمەتلەرنى ئۆگەتتى. ئۇ تەلىمىدە مۇنداق دېدى:


ئاندىن كېيىن، شاگىرتلىرىغا: - يەھۇدىيىگە قايتا بارايلى! - دېدى.


ھەزرىتى ئەيسا كېمىدىن چۈشۈپ، نۇرغۇن خالايىقنى كۆردى. قويچىسىز قوي پادىسىغا ئوخشايدىغان بۇ ئىنسانلارغا ئىچ ئاغرىتتى ۋە ئۇلارغا كۆپ نەرسىلەرنى ئۆگىتىشكە باشلىدى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، يولۇمغا قايتىپ كېلىشنى خالىمىدى. گەرچە مەن قايتا-قايتا ئۇلارنى يېتەكلىگەن بولساممۇ، لېكىن ئۇلار دېگەنلىرىمگە قۇلاق سالمىدى ھەم قىلمىشلىرىدىن ساۋاق ئالمىدى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنىڭغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - مەن سۆزلىرىمنى ھەممە ئادەملەرگە ئاشكارا سۆزلىدىم، يەھۇدىيلار يىغىلىدىغان يەرلىك ئىبادەتخانىلاردا ۋە مەركىزىي ئىبادەتخانىدا دائىم تەلىم بەردىم. ھېچقانداق مەخپىي سۆز قىلمىدىم.


ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.


ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆل بويىغا قاراپ ماڭدى. نۇرغۇن كىشىلەر ئۇنىڭ ئەتراپىغا توپلىشىۋالدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا تەلىم بەردى.


ھېكمەت ئىگىسى دانا بولۇپلا قالماستىن، يەنە بىلىملىرىنى خەلققە ئۆگەتكۈچىدۇر. ئۇ ئىنچىكىلىك بىلەن كۆزىتىش ۋە تەتقىق قىلىش ئارقىلىق نۇرغۇن پەند-نەسىھەتلەرنى يېزىپ چىققان.


ئاندىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇ ئادەملەرگە قاراپ مۇنداق دېدى: - سىلەر قىلىچ-توقماقلارنى كۆتۈرۈپ مېنى تۇتقىلى كەپسىلەر، مېنى قاراقچى كۆرۈۋاتامسىلەر؟ ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا ئولتۇرۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار.


ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.


دەم ئېلىش كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدا تەلىم بېرىشكە باشلىدى. ئۇنىڭ سۆزلىرىنى ئاڭلىغان جامائەت ھەيران بولۇشۇپ: - بۇ ئادەم بۇلارنى نەدىن ئۆگەنگەندۇ؟ ئۇنىڭغا بۇنچىۋالا ئەقىل-پاراسەتنى كىم بەرگەندۇ؟ بۇ مۆجىزىلەرنى قانداق يارىتىدىغاندۇ؟


ھەزرىتى ئەيسانىڭ يېنىغا كەلگەن بەزى پەرىسىيلەر ئۇنىڭغا تۇزاق قۇرۇش مەقسىتىدە: - بىر ئادەمنىڭ ئايالىنى تالاق قىلىشى تەۋرات قانۇنىغا ئۇيغۇنمۇ؟ - دەپ سورىدى.


ھەزرىتى ئەيسا مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا تەلىم بېرىۋېتىپ، مۇنداق سوئالنى ئوتتۇرىغا قويدى: - تەۋرات ئۇستازلىرى قۇتقۇزغۇچى- مەسىھنى پادىشاھ داۋۇتنىڭ ئەۋلادى، دەپ تۇرۇۋالسا قانداق بولىدۇ؟


ھەر كۈنى مەركىزىي ئىبادەتخانا ھويلىلىرىدا سىلەر بىلەن بىللە بولۇپ تەلىم بېرەتتىم. ئۇ چاغدا تۇتمىدىڭلار. بۇ ئىشلارنىڭ يۈز بېرىشى مۇقەددەس يازمىلاردا ئالدىن ئېيتىلغانلارنىڭ ئەمەلگە ئاشۇرۇلۇشى بولدى، - دېدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite