9 شۇ كۈنلەردە، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ناسىرە شەھىرىدىن كېلىپ، يەھيا پەيغەمبەر تەرىپىدىن ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈلدى.
جەلىلىيە ئۆلكىسىگە بېرىپ، ناسىرە شەھىرىگە ئورۇنلاشتى. بۇنىڭ بىلەن، پەيغەمبەرلەرنىڭ: «ئۇ ناسىرەلىك دەپ نام ئالىدۇ» دېگىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
مەن سىلەرنى سۇغىلا چۆمۈلدۈرىمەن، لېكىن ئۇ سىلەرنى مۇقەددەس روھقا چۆمۈلدۈرىدۇ.
ئۇ سۇدىن چىقىپلا، ئاسماننىڭ يېرىلىپ، مۇقەددەس روھنىڭ كەپتەر ھالىتىدە ئاسماندىن چۈشۈپ، ئۆز ئۈستىگە قونۇۋاتقانلىقىنى كۆردى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلار بىلەن ناسىرە شەھىرىگە قايتتى. ئۇ ھەرقانداق ئىشتا ئاتا-ئانىسىنىڭ گېپىگە كىرەتتى. ئانىسى يۈز بەرگەن بۇ ئىشلارنىڭ ھەممىسىنى كۆڭلىدە چىڭ ساقلىدى.