6 يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
ئۇلار پادىشاھقا: _ يۇڭدىن توقۇلغان تون كىيىپ، بېلىنى خۇرۇم تاسما بىلەن باغلىۋالغان ئادەم ئىكەن _ دېدى. پادىشاھ: _ ئۇ تىشبىلىك ئىلياس ئىكەن، _ دېدى.
مەسىلەن: چېكەتكە ۋە قارا چېكەتكە تىپىدىكى ھاشارەتلەرنى يېسەڭلار بولىدۇ.
يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.
ئۇ كۈن كەلگەندە، ساختا پەيغەمبەرلەر ۋەھىي يەتكۈزۈشتىن نومۇس قىلىدىغان بولىدۇ. ئۇلار خەلقنى ئالداش ئۈچۈن كىيىۋالىدىغان يۇڭدىن توقۇلغان پەيغەمبەرلىك تونلىرىنى كىيمەيدىغان بولىدۇ.
كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
ئۇ مۇنداق دەپ جاكارلايتتى: - مەندىن كېيىن تېخىمۇ قۇدرەتلىك بىرى كېلىدۇ. مەن ھەتتا ئېڭىشىپ ئۇنىڭ ئايىغىنىڭ يىپلىرىنى يېشىشكىمۇ لايىق ئەمەسمەن!