Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:5
15 Referans Kwoze  

نەتىجىدە، نۇرغۇن ئېتىقادچىلار بۇرۇن قىلغان يامانلىقلىرىنى ئوچۇق ئېتىراپ قىلىشقا باشلىدى.


پېترۇس ئۇلارغا مۇنداق جاۋاب بەردى: - گۇناھلىرىڭلارنىڭ كەچۈرۈم قىلىنىشى ئۈچۈن، يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار ھەمدە ئەيسا مەسىھكە ئېتىقاد قىلغانلىقىڭلارنى كۆرسىتىش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، خۇدا سىلەرگە مۇقەددەس روھنى ئاتا قىلىدۇ.


شۇ چاغدا، سالىم يېزىسىنىڭ يېنىدىكى ئاينون دېگەن يەردە يەھيا پەيغەمبەرمۇ كىشىلەرنى چۆمۈلدۈرۈۋاتاتتى. چۈنكى، ئۇ يەرنىڭ سۈيى مول ئىدى. كىشىلەر ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىشاتتى.


مانا بۇ ئىشلار ئىئوردان دەرياسىنىڭ شەرقىي قېتىدىكى بەيتانىيا دېگەن يېزىدا، يەنى يەھيا پەيغەمبەر كىشىلەرنى دەريادا چۆمۈلدۈرۈۋاتقان يەردە يۈز بەرگەنىدى.


جەلىلىيە، ئون شەھەر رايونى، يېرۇسالېم، يەھۇدىيە ۋە ئىئوردان دەرياسىنىڭ ئۇ قېتىدىن كەلگەن توپ-توپ ئادەملەر ئۇنىڭغا ئەگىشىپ ماڭدى.


روناق تاپالماس ئۆز گۇناھلىرىنى يوشۇرغان، رەھىم-شەپقەتكە ئېرىشەر گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىپ قول ئۈزگەن.


ئەمدى ئىقرار قىلدىم گۇناھلىرىمنى، تونۇدۇم ئالدىڭدا ئەسكىلىكىمنى. دېگىنىمدە: «پەرۋەردىگار، ئىقرارمەن گۇناھىمغا»، خالاس قىلدىڭ ئازابتىن مېنى، كەچۈرۈپ گۇناھلىرىمنى. سېلاھ


يوشۇۋا ئاكانغا: _ ئوغلۇم، راست گەپ قىلىپ، خۇدانىڭ، يەنى ئىسرائىللار ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن پەرۋەردىگارنىڭ ئالدىدا يۈزىمىزنى يورۇق قىلغىن. ماڭا نېمە ئىش قىلغىنىڭنى يوشۇرماي ئېيتقىن، _ دېدى.


دەرۋەقە، چۆمۈلدۈرگۈچى يەھيا چۆل-باياۋاندا پەيدا بولۇپ، كىشىلەرگە: - يامان يوللىرىڭلاردىن يېنىپ، توۋا قىلىڭلار! توۋا قىلغانلىقىڭلارنى بىلدۈرۈش ئۈچۈن چۆمۈلدۈرۈشنى قوبۇل قىلىڭلار. شۇنداق قىلغاندا، خۇدا سىلەرنى كەچۈرۈم قىلىدۇ! - دەپ جاكارلىدى.


يەھيا پەيغەمبەر تۆگە يۇڭىدىن كىيىم كىيگەن، بېلىگە كۆن تاسما باغلىغانىدى. يەيدىغىنى چېكەتكە بىلەن ياۋا ھەرە ھەسىلى ئىدى.


يەھيا پەيغەمبەر نۇر چېچىپ تۇرغان بىر چىراغقا ئوخشايدۇ. سىلەر ئۇنىڭ يورۇقلۇقىدىن ۋاقىتلىق بولسىمۇ بەھرىمەن بولۇشنى خالىدىڭلار.


شۇڭا، شىپالىق تېپىش ئۈچۈن، ئۆتكۈزگەن گۇناھلىرىڭلارنى ئۆزئارا ئىقرار قىلىڭلار ۋە بىر-بىرىڭلار ئۈچۈن دۇئا قىلىڭلار. ھەققانىي ئادەمنىڭ دۇئاسى زور كۈچ ۋە ئۈنۈمگە ئىگىدۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite