39 شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.
ئايال ئۆيىگە قايتقىنىدا، قىزىنىڭ كارىۋاتتا ياتقانلىقىنى كۆردى. جىن ئۇنىڭ تېنىدىن چىقىپ كەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا پۈتۈن شەھەر، يېزا-قىشلاقلارنى ئارىلاپ، ھەرقايسى ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، ئەرشنىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقاتتى ۋە خەلق ئىچىدىكى ھەر خىل كېسەللىك ۋە ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.
ئىبادەتخانىدا جىن چاپلاشقان بىر كىشى بار ئىدى. دەل شۇ چاغدا، ئۇ:
بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى، مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، - دېدى.
ھەزرىتى ئەيسا يەنە ئىبادەتخانىغا كىردى. ئىبادەتخانىدا بىر قولى قۇرۇپ كەتكەن بىر ئادەم بار ئىدى.
ئۇ بۇ كىشىلەرنىڭ ئېتىقادسىزلىقىدىن ھەيران قالدى. كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا ئەتراپتىكى يېزا-كەنتلەرنى ئايلىنىپ تەلىم بېرىۋاتاتتى.