Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:38 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

38 بىراق، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - يېقىن ئەتراپتىكى يېزىلارغىمۇ بارمىساق بولمايدۇ. ئۇ يەردىمۇ خۇدانىڭ سۆزىنى يەتكۈزۈشۈم كېرەك. چۈنكى، مەن مۇشۇ ئىش بىلەن كەلدىم، - دېدى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:38
10 Referans Kwoze  

لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا: - باشقا شەھەر-يېزىلارغىمۇ بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا دائىر خۇش خەۋەرنى تارقىتىشىم كېرەك. چۈنكى، خۇدا مېنى بۇ خىزمەت بىلەن ئەۋەتكەن، - دېدى.


چۈنكى، سەن ماڭا قىلغان سۆزلەرنى ئۇلارغا يەتكۈزدۈم، ئۇلارمۇ قوبۇل قىلدى. سەندىن كەلگەنلىكىمنى ھەق دەپ بىلىپ يەتتى ھەمدە مېنى ئەۋەتكەنلىكىڭگىمۇ ئىشەندى.


مەن سەن ماڭا بۇيرۇغان ھەممە ئىشلارنى ئورۇنداش بىلەن سېنىڭ ئۇلۇغلۇقۇڭنى يەر يۈزىدە ئايان قىلدىم.


مەن ئاتامنىڭ يېنىدىن بۇ دۇنياغا كەلدىم. ئەمدى بۇ دۇنيادىن ئاتامنىڭ يېنىغا كېتىمەن.


- ئىزدەشنىڭ نېمە ھاجىتى؟ ئەجەبا، سىلەر مېنىڭ چوقۇم ئاتامنىڭ ئۆيىدە بولىدىغانلىقىمنى بىلمەمتىڭلار؟ - دەپ جاۋاب بەردى ھەزرىتى ئەيسا.


كۈننىڭ يورۇق ۋاقتىدا، مېنى ئەۋەتكۈچىنىڭ بىزگە تاپشۇرغان ۋەزىپىسىنى ئادا قىلىشىمىز كېرەك. كەچ كىرىپ قاراڭغۇ چۈشۈپ كەتسە، ھېچكىم ئىش قىلالمايدۇ.


ئۇنى تاپقاندا: - ھەممەيلەن سىزنى ئىزدىشىۋاتىدۇ! - دېيىشتى.


شۇنداق قىلىپ، ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيە ئۆلكىسىنىڭ ھەممە يېرىگە بېرىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بەردى ھەمدە كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدىدى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite