35 ئەتىسى ئەتىگەن تاڭ تېخى سۈزۈلمەستىنلا، ھەزرىتى ئەيسا ئورنىدىن تۇرۇپ، شەھەر سىرتىدىكى خىلۋەت بىر يەرگە بېرىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلدى.
بىر كۈنى، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا قىلىش ئۈچۈن تاغقا چىقتى. ئۇ يەردە خۇداغا كېچىچە دۇئا قىلدى.
ھەمىشە مۇقەددەس روھقا تايىنىپ، ئىلتىماسىڭلارنى ئېيتىپ دۇئا-تىلاۋەت قىلىڭلار. شۇنداقلا، سەگەك تۇرۇپ، بارلىق ئېتىقادچىلار ئۈچۈن داۋاملىق دۇئا قىلىپ تۇرۇڭلار.
ھەزرىتى ئەيسا بولسا پات-پات تىنچ يەرلەرگە بېرىپ دۇئا قىلاتتى.
ئېھ پەرۋەردىگار، ئاڭلايسەن سەھەردە ئاۋازىمنى، تاڭ بىلەن تەڭ ئىلتىجا قىلىپ كۈتىمەن جاۋابىڭنى.
ئەيسا مەسىھ يەر يۈزىدىكى ۋاقتىدا، ئۆزىنى ئۆلۈمدىن قۇتقۇزالايدىغان خۇدانىڭ ئالدىدا قاتتىق يىغلاپ تۇرۇپ، كۆز ياشلىرى بىلەن دۇئا-تىلاۋەت قىلغان. ئۇنىڭ ئىخلاسمەنلىكىدىن دۇئالىرى خۇداغا يەتكەنىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنىڭ ئۆزىنى ئىسرائىللارنىڭ پادىشاھى بولۇشقا مەجبۇرلايدىغانلىقىنى بىلىپ، ئۇلاردىن ئايرىلىپ، قايتىدىن تاغقا تەنھا چىقىپ كەتتى.
ئۇلارنى تارقىتىۋەتكەندىن كېيىن، ھەزرىتى ئەيسا دۇئا-تىلاۋەت قىلىش ئۈچۈن ئۆزى تەنھا تاغقا چىقتى، كەچتىمۇ ئۇ يەردە يالغۇز قالدى.
ئوي-پىكرىڭلاردا ئەيسا مەسىھتەك بولۇڭلار:
- مېنىڭ يېمەكلىكىم - مېنى ئەۋەتكەن خۇدانىڭ ئىرادىسىنى ئەمەلگە ئاشۇرۇش ۋە ئۇنىڭ ماڭا تاپشۇرغان ئىشىنى تاماملاشتۇر، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا.
مۇھەببىتىمنى بەرسەممۇ مەن ئۇلارغا، شىكايەتلەر قىلدى ئۇلار قارشى ماڭا، شۇنداقتىمۇ ئۇلار ئۈچۈن قىلىمەن دۇئا.
ھەزرىتى ئەيسا بۇ خەۋەرنى ئاڭلاپ، خىلۋەت بىر جايغا ئۆزى يالغۇز كېتىش ئۈچۈن كېمىگە ئولتۇرۇپ، ئۇ يەردىن ئايرىلدى. بۇنىڭدىن خەۋەر تاپقان خەلق ئەتراپتىكى يېزىلاردىن كېلىشىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن پىيادە ماڭدى.
سىمۇن بىلەن ئۇنىڭ ھەمراھلىرى ھەزرىتى ئەيسانى ئىزدەپ چىقىپ،