Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:34 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

34 ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ، جىنلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى، جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.

Gade chapit la Kopi




ماركۇس بايان قىلغان خۇش خەۋەر 1:34
6 Referans Kwoze  

كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.


لېكىن، ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا ئۆزىنىڭ كىم ئىكەنلىكىنى ئاشكارىلىماسلىقنى قاتتىق جېكىلەيتتى.


ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىنىڭ ھەممە يېرىنى ئايلىنىپ چىقىپ، ئىبادەتخانىلاردا تەلىم بېرىپ، خۇدانىڭ پادىشاھلىقى توغرۇلۇق خۇش خەۋەر تارقاتتى، ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارنى ساقايتتى.


ھەزرىتى ئەيسا ئۇنى سۆزلىتىۋاتقان جىنغا بۇيرۇق قىلىپ: - ئاغزىڭنى يۇم، بۇ ئادەمنىڭ تېنىدىن چىق! - دېدى.


ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite