33 پۈتۈن شەھەردىكىلەر ئىشىك ئالدىغا توپلاشقانىدى.
كېيىنكى دەم ئېلىش كۈنى، پۈتۈن شەھەر خەلقى دېگۈدەك رەببىمىز ئەيسا ھەققىدىكى سۆزلەرنى ئاڭلىغىلى كېلىشتى.
كىشىلەر يېرۇسالېم شەھىرىدىن، جۈملىدىن پۈتۈن يەھۇدىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭ ئالدىغا كېلىشىپ، گۇناھلىرىنى ئىقرار قىلىشتى ۋە ئۇنىڭ ئۆزلىرىنى ئىئوردان دەرياسىدا چۆمۈلدۈرۈشىنى قوبۇل قىلىشتى.
ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ھەر خىل كېسەللەرگە گىرىپتار بولغان نۇرغۇن كىشىلەرنى ساقايتتى. نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ تېنىدىكى جىنلارنى ھەيدەپ، جىنلارنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئېغىز ئېچىشىغا يول قويمىدى. چۈنكى، جىنلار ھەزرىتى ئەيسانىڭ كىم ئىكەنلىكىنى بىلىشەتتى.