32 كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.
قاراڭغۇ چۈشكەندە، كىشىلەر جىن چاپلاشقان نۇرغۇن ئادەملەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا بىر ئېغىز سۆز بىلەنلا ئۇلاردىكى جىنلارنى قوغلىۋەتتى ۋە كېسەللەرنىڭ ھەممىسىنى ساقايتتى.
كۈن پېتىش ۋاقتىدا، كىشىلەر ھەر خىل كېسەللەرنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا قولىنى بىر-بىرلەپ تەگكۈزۈپ قويغانىدى، ئۇلار ساقىيىپ كەتتى.
بەزىلەر ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئۈستىدىن ئەرز قىلىش ئۈچۈن باھانە ئىزدەش مەقسىتىدە ئۇنىڭ دەم ئېلىش كۈنىمۇ كېسەل ساقايتىدىغان-ساقايتمايدىغانلىقىنى پايلاپ يۈرۈشەتتى.
ئۇ توغرۇلۇق خەۋەر پۈتكۈل سۇرىيە ئۆلكىسىگە تارقالدى. ئۇ يەردىكى خالايىق ھەر خىل ئاغرىق-سىلاقلارغا مۇپتىلا بولغان كېسەللەرنى ئۇنىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى. ئۇلارنىڭ بەزىلىرىگە جىن چاپلاشقان، بەزىلىرىنىڭ تۇتقاقلىقى بار ۋە يەنە بەزىلىرى پالەچ كېسىلىگە گىرىپتار بولغانىدى. ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارنى ساقايتتى.
ئۇلار كەپەرناھۇم شەھىرىگە كىردى. دەم ئېلىش كۈنى ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىغا كىرىپ، تەلىم بېرىشكە باشلىدى.
بۇنىڭ بىلەن، يەشايا پەيغەمبەر ئارقىلىق ئۇقتۇرۇلغان: «ئاغرىق-سىلاقلىرىمىزنى ئۇ كۆتۈردى، كېسەللىرىمىزنى ئۈستىگە ئالدى» دېگەن سۆز ئەمەلگە ئاشۇرۇلدى.
ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
كىشىلەرنىڭ تېنىدىن چىققان جىنلار: «سەن خۇدانىڭ ئوغلى!» دەيتتى. چۈنكى، ئۇلار ئۇنىڭ قۇتقۇزغۇچى- مەسىھ ئىكەنلىكىنى بىلەتتى. بىراق، ھەزرىتى ئەيسا بولسا ئۇلارنى ئەيىبلەپ، ئۇلارنىڭ گەپ قىلىشىغا يول قويمىدى.