31 ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.
پېترۇس ئالدىغا بېرىپ، ئۇنى يۆلەپ تۇرغۇزدى ۋە تۇل ئاياللار بىلەن باشقا ئېتىقادچىلارنى چاقىرىپ، دوركاسنى ئۇلارغا تىرىك تاپشۇرۇپ بەردى.
ئۇ بالىنىڭ قولىدىن تارتىپ، ئۇنىڭغا: «تالىتا كۇمى» دېدى. بۇ سۆزنىڭ مەنىسى «قىزىم ساڭا ئېيتىمەنكى، ئورنۇڭدىن تۇر» دېگەنلىك ئىدى.
پەرۋەردىگارنىڭ ماڭا قىلغان ئىلتىپاتىغا، قانداق جاۋاب قىلاي ئۇنىڭغا؟
ھەزرىتى ئەيسا جەلىلىيىدە تۇرغان ۋاقىتتا، بۇ ئاياللار ئۇنىڭغا ئەگىشىپ، ئۇنىڭ خىزمىتىدە بولغانىدى. ئۇنىڭ بىلەن يېرۇسالېمغا بىللە كەلگەن يەنە بىرمۇنچە ئاياللارمۇ ئەھۋالنى كۆزىتىپ تۇراتتى.
ئۇ يەردە يەنە ۋەقەنى يىراقتىن كۆرۈپ تۇرغان بىرمۇنچە ئاياللارمۇ بار ئىدى. ئۇلار ھەزرىتى ئەيساغا خىزمەت قىلىش ئۈچۈن، جەلىلىيە ئۆلكىسىدىن ئۇنىڭغا ئەگىشىپ كەلگەنىدى.
سىمۇننىڭ قېينانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى.
كەچقۇرۇن كۈن پاتقاندا، كىشىلەر بارلىق بىمارلارنى ۋە جىن چاپلاشقانلارنى ھەزرىتى ئەيسانىڭ ئالدىغا ئېلىپ كېلىشتى.