30 سىمۇننىڭ قېينانىسى قىزىتما ئىچىدە ياتاتتى. ئۇنىڭ ئەھۋالى ھەزرىتى ئەيساغا دەرھال مەلۇم قىلىندى.
رەببىمىز ئەيسانىڭ ئۆز ئىنىلىرى ھەمدە پېترۇس ۋە باشقا ئەلچىلەردەك بىزنىڭمۇ سەپەردە بىز بىلەن ئوخشاش ئېتىقادى بار ئاياللىرىمىزنى ھەمراھ قىلىپ يۈرۈش ھەققىمىز يوقمۇ؟
لازارنىڭ ھەدىلىرى ھەزرىتى ئەيساغا: «ئى رەببىمىز، سىز ياخشى كۆرىدىغان دوستىڭىز كېسەل بولۇپ قالدى» دەپ خەۋەر بېرىشتى.
ھەزرىتى ئەيسا پېترۇسنىڭ ئۆيىگە بارغاندا، پېترۇسنىڭ قېينانىسىنىڭ قىزىتمىسى ئۆرلەپ، ئورۇن تۇتۇپ يېتىپ قالغانىدى.
ھەزرىتى ئەيسا ئىبادەتخانىدىن چىقىپلا، سىمۇن ۋە ئەندەر بىلەن بىللە ئۇلارنىڭ ئۆيىگە باردى. ياقۇپ ۋە يۇھاننامۇ ئۇلار بىلەن بىرگە باردى.
ھەزرىتى ئەيسا بىمارنىڭ قېشىغا كىرىپ، قولىدىن تۇتۇپ يۆلەپ، ئۆرە تۇرغۇزدى. ئايالنىڭ قىزىتمىسى دەرھال يېنىپ، ئۇلارنى كۈتۈشكە باشلىدى.