مىكاھ 7:9 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى9 بىز پەرۋەردىگارغا قارشى گۇناھ قىلدۇق. شۇڭا ئۇ بىزنى ياقىلاپ، ئاقلىغۇچە، بىز پەرۋەردىگارنىڭ غەزىپىگە چىدايمىز. ئۇ بىزنى يورۇقلۇققا باشلاپ بارىدۇ. بىز ئۇنىڭ ھەققانىيلىقىنى كۆرىمىز. Gade chapit la |
داۋۇت نابالنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئاڭلىدى. ئۇ: _ پەرۋەردىگارغا ھەمدۇسانالار بولسۇن. نابال ماڭا ھاقارەت قىلغانىدى، پەرۋەردىگار مەن ئۈچۈن ئۆچ ئاپتۇ، ھەم مېنى گۇناھ قىلىشتىن ساقلاپتۇ. نابالنىڭ يامانلىقىنىمۇ ئۆز بېشىغا قايتۇرۇپتۇ! _ دېدى. شۇنىڭدىن كېيىن داۋۇت ئارىغا ئادەم سېلىپ، ئابىگالغا ئۆيلىنىش نىيىتىنى بىلدۈردى.