Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 7:8 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

8 ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار، يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 7:8
46 Referans Kwoze  

ھەزرىتى ئەيسا يەنە كۆپچىلىككە مۇنداق دېدى: - دۇنيانىڭ نۇرى ئۆزۈمدۇرمەن. ماڭا ئەگەشكەنلەر قاراڭغۇلۇقتا قالمايدۇ. ئەكسىچە، ھاياتلىق نۇرىغا ئېرىشىدۇ.


قاراڭغۇلۇقتا يۈرگەنلەر پارلاق يورۇقلۇقنى كۆرىدۇ، قاراڭغۇ زۇلمەتتە ياشىغانلارنىڭ ئۈستىگە نۇر چۈشىدۇ.


قاراڭغۇلۇقتا نۇر چېچىلار دۇرۇس يولدا ماڭغانلارغا، رەھىمدىل، شەپقەتلىك، ھەققانىيدۇر خۇدا.


نىجاتلىقىم ۋە نۇرۇم تۇرسا پەرۋەردىگار، مەن يەنە كىملەردىن قورقۇپ ياشاي؟ ھاياتىمنىڭ قورغىنى تۇرسا پەرۋەردىگار، يەنە كىملەر ئالدىدا تىترەپ تۇراي؟


تۇغقانلىرىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كۈندە، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. يەھۇدىيە خەلقى ۋەيران بولغان كۈندە، شادلانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بەختسىزلىككە يولۇققان كۈندە، مەسخىرە قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.


چۈنكى، دۇنيانى ياراتقاندا «نۇر قاراڭغۇلۇقتىن چاقنىسۇن» دەپ ئەمر قىلغان خۇدا بىزنىڭ ئۆزىنىڭ ئەيسا مەسىھ ئارقىلىق ئايان قىلغان ئۇلۇغلۇقىنى تونۇپ يېتىشىمىز ئۈچۈن، خۇش خەۋەرنىڭ نۇرى بىلەن قەلبىمىزنى يورۇتتى.


تىلەيمەن، ئۈستۈمدىن كۈلمىسۇن بىراۋلار، تېيىلغىنىمدا ھاكاۋۇرلۇق قىلغانلار.


ئۇ يەردە ئەسلا كېچە بولمايدۇ، نە چىراغ نۇرىغا، نە قۇياش نۇرىغا ھاجىتى چۈشمەيدۇ. چۈنكى، پەرۋەردىگار خۇدا ئۇلارنىڭ يورۇقلۇقى بولۇپ، ئۇلار ئەبەدىلئەبەد ھۆكۈم سۈرىدۇ.


بىزگە قۇياش، قالقاندۇر پەرۋەردىگار ئىگىمىز، ئاتا قىلار ئۇ شان-شۆھرەت ۋە شاپائەت. دۇرۇس يولدا ماڭغانلاردىن، ئايىماس ياخشىلىقىنى تائەبەد.


مەن قانداقسىگە دۈشمەننىڭ بالاسىدىن شادلىناي، ئۇلارنىڭ قازاسىدىن خۇشاللىناي؟


نۇر خۇددى ئۇرۇقتەك چېچىلغاندۇر ھەققانىيلارغا، شادلىق تېرىلغاندۇر دىلى دۇرۇسلارغا.


ئىسرائىل زېمىنى قاقاسلىققا ئايلانغاندا سەن خۇشال بولدۇڭ، شۇڭا سېنىمۇ قاقاسلىققا ئايلاندۇرىمەن. ئەي سەئىر تېغى، ئەي پۈتۈن ئىدوم زېمىنى، سىلەر قاقاسلىققا ئايلىنىسىلەر. شۇندىلا ئىسرائىل خەلقى مېنىڭ پەرۋەردىگار ئىكەنلىكىمنى بىلىشىدۇ.›»


زاڭلىق قىلىپ كۈلمىسۇن ماڭا سەۋەبسىزلا رەقىب بولغانلار، كۆزلىرىنى ئالايتمىسۇن ماڭا سەۋەبسىز ئۆچ بولۇپ قالغانلار.


بىلىپ قويۇڭلاركى، سىلەر يىغا-زار قىلىپ قايغۇرىسىلەر، لېكىن بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى خۇشال بولۇشۇپ كېتىدۇ. سىلەر بولساڭلار، قايغۇرىسىلەر، لېكىن قايغۇلىرىڭلار خۇشاللىققا ئايلىنىدۇ.


ئەمما مېنىڭ نامىمنى ھۆرمەتلىگەن سىلەرگە بولسا ئادالەتنىڭ قۇياشى چىقىپ، شىپالىق نۇرلىرىنى چاچىدۇ. سىلەر يايلاققا قويۇۋېتىلگەن موزايلاردەك شادلىنىپ، سەكرەپ يۈرىسىلەر.


ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.


مەن ئىگەڭلار پەرۋەردىگار يەنە دەيمەنكى، سىلەر كۆڭلۈڭلاردا ئاداۋەت ساقلاپ كەلگەنلىكىڭلار ئۈچۈن، ئىسرائىلىيەنىڭ زېمىنىغا ئاپەت كەلگەندە، خۇشاللىقىڭلاردىن چاۋاك چېلىشىپ، سەكرىشىپ، تەنتەنە قىلىشتىڭلار.


سەن قاراڭغۇلۇقتا ياشاۋاتقانلارنىڭ كۆزلىرىنى ئېچىپ، ئۇلارنى زۇلمەتتىن يورۇقلۇققا، شەيتاننىڭ ئىلكىدىن خۇدانىڭ پادىشاھلىقىغا باشلايسەن. بۇنىڭ بىلەن، ئۇلارنىڭ گۇناھلىرى كەچۈرۈم قىلىنىدۇ. شۇنداقلا، ئۇلار ماڭا ئېتىقاد قىلىش ئارقىلىق پاك قىلىنغانلارنىڭ ئارىسىدىن ئورۇن ئالىدۇ!» دېدى.


«ۋاقتى كەلگەندە، داۋۇتنىڭ ئۆرۈلۈپ چۈشكەن كەپىسىنى قايتىدىن قۇرىمەن. بۇزۇلغان تاملىرىنى ئوڭشاپ، خارابىلىكلىرىنى قايتا بىنا قىلىمەن. مەن ئۇنى ئەسلىدىكىدەك قايتا قۇرۇپ چىقىمەن.


قاراڭغۇلۇقتا ياشىغانلار پارلاق بىر نۇرنى كۆرمەكتە. ئۆلۈم كۆلەڭگىسىدە قالغان بۇ ئەلگە بىر نۇر چۈشىدۇ ئەمدى.»


ئەي بابىل خەلقى، سىلەر خەلقىمنى بۇلاپ، ناھايىتى خۇشال بولۇپ، شادلاندىڭلار. سىلەر خۇشاللىقىڭلاردىن يايلاقلاردىكى موزايلاردەك سەكرەپ، ئاتتەك كىشنىدىڭلار.


سەن ئەسىرلەرگە ‹ئەمدى ئەركىن بولدۇڭلار› دەيسەن، زۇلمەتتە ياشاۋاتقانلارغا ‹نۇرغا چىقىڭلار› دەيسەن. ئۇلار يول بويى يېمەكلىكلەرگە ئېرىشىدۇ، تاقىر تاغلار ئۇلارنىڭ يايلاقلىرىغا ئايلىنىدۇ.


ياقۇپ ئەۋلادلىرى كېلىڭلار، پەرۋەردىگارنىڭ نۇرىدا ماڭايلى.


يۆلەپ تۇرغاچقا ئۇنى پەرۋەردىگار، پۇتلاشسىمۇ يىقىلماي مەزمۇت تۇرار.


قەرز ئېلىپ قايتۇرمايدۇ رەزىللەر، ھەققانىيلار شەپقەت بىلەن ساخاۋەت قىلار.


شەھەرنىڭ يورۇتۇلۇشى ئۈچۈن قۇياش ياكى ئاي ھاجەتسىز بولۇپ، ئۇنى خۇدانىڭ پارلاق نۇرى يورۇتۇپ تۇرىدۇ. قوزا ئۇنىڭ چىرىغى بولىدۇ.


قېنى، ئاراڭلاردا كىم پەرۋەردىگارغا ئىخلاس قىلىپ، ئۇنىڭ خىزمەتكارىغا بويسۇنىدۇ؟ زۇلمەتتە يۈرگەنلەر، يورۇقلۇقتىن مەھرۇم بولغانلار پەرۋەردىگارنىڭ نامىغا ئۈمىد باغلىسۇن، خۇداغا تايانسۇن.


قوغلىنىۋاتىمىز، ھالبۇكى خۇدا تەرىپىدىن تاشلىۋېتىلمىدۇق. يىقىتىلدۇقيۇ، ئەمما يوقىتىلمىدۇق.


يىقىلدى ئۇلار ھالاك بولۇپ، قەددىمىزنى رۇسلىدۇق بىز تىك تۇرۇپ.


پەرۋەردىگار تۆۋەندىكى سۆزلەرنى خەلققە يەتكۈزۈشۈمنى بۇيرۇدى: «يىقىلغان ئادەم ئورنىدىن تۇرمامدۇ؟ يولدىن ئاداشقان ئادەم كەينىگە يانمامدۇ؟


ئەي موئاب، سەن ئىسرائىللارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن ئۇلارنى پەقەت ئوغرى دەپلا ئويلىدىڭمۇ؟ قاچانلا ئىسرائىللار توغرىسىدا گەپ قىلساڭ، بېشىڭنى چايقاپ، ئۇلارنى مەنسىتمىدىڭ.


‹مەن يات ئەللەرنى ۋە ئىدومنى قەھر-غەزىپىم بىلەن ئەيىبلەيمەن، چۈنكى ئۇلار زېمىنىمنى خۇرسەن بولغان ۋە ھېچكىمنى كۆزگە ئىلمىغان ھالدا ئىگىلىۋالدى ھەم ئوتلاقلىرىمنى يۇتۇۋالدى.›»


ئەي سىئون خەلقى، سىلەر تولغىقى تۇتقان ئايالدەك قاتتىق ئىڭراڭلار، چۈنكى سىلەر ئەمدى بۇ شەھەردىن ئايرىلىسىلەر. دالادا ياشايسىلەر، ئەسىرگە ئېلىنىپ بابىلغا ئەكېتىلىسىلەر. كېيىن پەرۋەردىگار سىلەرنى ئۇ يەردە قۇتقۇزىدۇ، دۈشمىنىڭلارنىڭ قولىدىن ئازاد قىلىدۇ.


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن پەرۋەردىگار يېرۇسالېم خەلقىنى قوغدايمەن. ھەتتا ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى ئەڭ ئاجىزلىرىمۇ پادىشاھ داۋۇتتەك كۈچلۈك بولىدۇ. داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرى خەلقنىڭ ئالدىدا خۇددى ماڭا ۋە مېنىڭ پەرىشتەمگە ئوخشاش يول باشلايدۇ.


ھاياتىمنى دەپسەندە قىلىپ دۈشمەنلىرىم، زىيانكەشلىك قىلماقتا بۇ جېنىمغا. ئۆلۈكلەر ماكانى قەبرىستاندەك، مەجبۇرلار مېنى زۇلمەت-قاراڭغۇلۇققا.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite