5 قوشناڭلارغا ئىشەنمەڭلار، دوستلىرىڭلارغا تايانماڭلار، ھەتتا قوينۇڭلاردىكى ئاياللىرىڭلارغىمۇ ئاغزىڭلار چىڭ بولسۇن.
ھەممە ئادەم دوست-بۇرادەرلىرىدىن پەخەس بولسۇن. ھەتتا ئۇرۇق-تۇغقانلىرىغىمۇ ئىشەنمىسۇن. چۈنكى ئۇلارنىڭ ھەممىسى بىر-بىرىنى ئالداشنىڭ كويىدا ھەمدە دوستلارمۇ ئۆزئارا تۆھمەت قىلىشىدۇ.
- مانا، مەن سىلەرنى قويلارنى بۆرىلەرنىڭ ئارىسىغا ئەۋەتكەندەك ئەۋەتىمەن. شۇڭا، يىلاندەك سەزگۈر، كەپتەردەك ساددا بولۇڭلار.
ھەتتا ئۆزۈم ئىشەنگەن قەدىناس دوستۇممۇ سېتىۋەتتى مېنى، ئاش-تۇزۇمنى يەپ تۇرۇپمۇ.
پەرۋەردىگار، بىر كۆزەتچى تۇرغۇزغىن ئاغزىمغا، پوستا تۇرسۇن ئۇ لەۋلىرىم دەرۋازىسى ئالدىدا.
يىغلايدۇ ئۇ كېچىلىرى، مەڭزىلىرى تولار ياشقا، ئاشنىلىرىدىن ھېچكىم بەرمەس تەسەللى ئۇنىڭغا، دوستلىرىمۇ يۈز ئۆرۈپ، دۈشمەن بولدى ئۇنىڭغا.
ئۇ توي ئاخىرلاشقۇچە ئېرىنىڭ ئالدىدا يىغلاپ يۈردى. يەتتىنچى كۈنىگە كەلگەندە، ئايالى بەك غەلۋە قىلىپ كەتكەنلىكتىن، ئاخىرى ئۇنىڭغا جاۋابىنى ئېيتىپ بەردى. ئايالى بولسا بۇ جاۋابنى ئۆزى تەرەپنىڭ ئادەملىرىگە ئېيتىپ بەردى.
شۇنداق، قۇلىقى پاڭ ئادەمدەكمەن، رەدىيەگە تىلى يوق گاچىدەكمەن.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئۇلارنىڭ تىللىرى خۇددى ئوقيادەك ئەجەللىكتۇر. يالغانچىلىق ۋە سەمىمىيەتسىزلىك بۇ زېمىننى قاپلىغان. ئۇلار ئارقا-ئارقىدىن يامان ئىش قىلىدۇ، مېنى تونۇمايدۇ.