20 سەن قەدىمدە ئەجدادلىرىمىزغا ۋەدە قىلغىنىڭدەك، ياقۇپ ئەۋلادلىرىغا ئىشەنچىڭنى كۆرسىتىسەن، ئىبراھىم ئەۋلادلىرىغا مېھىر-مۇھەببەت بېغىشلايسەن.
پەرۋەردىگار سىلەرنى سۆيگەنلىكى ۋە ئەجدادلىرىڭلارغا بەرگەن ۋەدىسىدە چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، قۇدرەتلىك قولى بىلەن سىلەرنى مىسىر پادىشاھىنىڭ قولىدىن قۇللۇقتىن قۇتقۇزدى.
مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار، يەنى خوجايىنىم ئىبراھىم ئېتىقاد قىلىپ كەلگەن خۇداغا ھەمدۇسانا بولسۇن! ئۇ خوجايىنىمغا مېھىر-مۇھەببىتىنى كۆرسىتىپ، بەرگەن ۋەدىسىگە سادىق بولۇپ، مېنى ئۇدۇل خوجايىنىمنىڭ ئۆز تۇغقىنىنىڭ يېنىغا باشلاپ كەلدى.
مەن سېنىڭ مەندەك بىر خىزمەتكارىڭغا كۆرسەتكەن بارلىق مېھرىبانلىقىڭ ۋە سەمىمىيىتىڭگە لايىق ئەمەسمەن. بۇرۇن مەن ئىئوردان دەرياسىدىن ئۆتكىنىمدە، قولۇمدا پەقەت بىرلا ھاسا بار ئىدى. ئەمدى بۇ ئىككى توپ كىشىنى باشلاپ قايتىۋاتىمەن.
ئەگەر سىلەر بۇلارنىڭ ھەممىسىگە بويسۇنساڭلار، ئەمەل قىلساڭلار، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا ئەجدادلىرىڭلار بىلەن قەسەم قىلىپ تۈزگەن ئەھدىسىدە تۇرۇپ، سىلەرگە مېھرىبانلىق قىلىدۇ.
لېكىن بۇ شەھەرگە شىپالىق ۋە ساغلاملىق بېرىدىغان بىر ۋاقتىم كېلىدۇ. مەن خەلقىمنى داۋالايمەن ۋە ئۇلارغا زور تىنچلىق ۋە ئامانلىق ئاتا قىلىمەن.