مىكاھ 7:17 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى17 ئۇلار يىلاندەك، يەر بېغىرلىغۇچى جانلىقتەك توپا يالايدۇ، ئۇۋىلىرىدىن تىترىگەن ھالدا چىقىپ كېلىشىدۇ. ئۇلار پەرۋەردىگارىمىز خۇدادىن دەھشەتكە چۈشىدۇ، ئۇنىڭدىن قورقىدۇ. Gade chapit la |
لېكىن مەن پەرۋەردىگار يەنە شۇنداق دەپ ئېيتىمەنكى، مەن ھازىر بۇ خەلققە نۇرغۇن دۈشمەنلەرنى ئەۋەتىمەن، بېلىقچىلار خۇددى بېلىق تۇتقاندەك، ئۇلار خەلقىمنى تۇتىدۇ. مەن يەنە خەلقىمنى ئوۋلايدىغان ئوۋچىلارنى ئەۋەتىمەن. ئۇلار خەلقىمنى مۇشۇ زېمىندىكى بارلىق تاغلاردىن، دۆڭلەردىن، قورام تاشلارنىڭ يېرىقلىرىدىن ئوۋلايدۇ.
ئۇلار جاۋاب بېرىپ: _ چۈنكى بىز پەرۋەردىگارىڭلار خۇدانىڭ ئۆز خىزمەتكارى مۇساغا ئەمر قىلىپ، پۈتكۈل زېمىننى سىلەرگە ئاتا قىلغانلىقىنى، سىلەرنىڭ شۇ زېمىنلاردا ياشاۋاتقان بارلىق خەلقلەرنى يوقىتىدىغانلىقىڭلارنى ئاڭلىدۇق. بىز ئۆلۈپ كېتىشتىن قاتتىق قورقتۇق. مانا بۇ بىزنىڭ نېمە ئۈچۈن سىلەرنى ئالدىغانلىقىمىزنىڭ سەۋەبىدۇر.