Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 7:15 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

15 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خۇددى ئەجدادلىرىڭلار مىسىردىن ئايرىلغان چاغدا ئۇلارغا مۆجىزە كۆرسەتكىنىمدەك، سىلەرگىمۇ مۆجىزە كۆرسىتىمەن.»

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 7:15
9 Referans Kwoze  

شۇڭا مەن مىسىرلىقلارغا ئۆز قولۇم بىلەن ھەر خىل كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇلارنى جازالايمەن. شۇنىڭ بىلەن مىسىر پادىشاھى سىلەرنى مىسىردىن كېتىشىڭلارغا يول قويىدۇ.


ئەي پەرۋەردىگار، ئويغىنىپ قولۇڭنى كۆتۈرگەيسەن، كۈچ-قۇدرىتىڭنى نامايان قىلغايسەن. خۇددى بۇرۇنقى زاماندىكىگە ئوخشاش، ئۆز قۇدرىتىڭنى كۆرسەتكەيسەن! دېڭىز مەخلۇقى راخابنى پارچىلاپ تاشلىغان سەن ئەمەسمۇ! قورقۇنچلۇق دېڭىز مەخلۇقىنى سانجىپ ئۆلتۈرگەن سەن ئەمەسمۇ!


خۇددى ئىسرائىللار مىسىردىن چىققاندا بىر يول ئېچىلغاندەك، پەرۋەردىگارنىڭ قېپقالغان ئاز بىر قىسىم خەلقىگىمۇ ئاسسۇرىيەدىن بىر يول ئېچىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دېدى: «دۈشمەنلىرىمنى قايتۇرۇپ كېلىمەن باشان دىيارىدىن، ئېلىپ چىقىمەن ئۇلارنى دېڭىزنىڭ چوڭقۇر يېرىدىن.


شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار مۇساغا مۇنداق دېدى: _ ئەمدى مەن سىلەر بىلەن ئەھدە تۈزىمەن. مەن سىلەرنىڭ كۆز ئالدىڭلاردا دۇنيانىڭ ھېچقانداق يېرىدە يۈز بېرىپ باقمىغان ياكى ھېچقانداق بىر خەلق كۆرۈپ باقمىغان بۈيۈك كارامەتلەرنى كۆرسىتىمەن. ئەتراپىڭلاردىكى خەلقلەر مەن پەرۋەردىگارنىڭ سىلەر ئۈچۈن كۆرسەتكەن بۈيۈك كارامەتلىرىمنى كۆرىدۇ.


دېڭىزدىكى سۇلارنى، تېگى يوق ھاڭلاردىكى سۇلارنى قۇرۇتقان سەن ئەمەسمۇ! قۇللۇقتىن قۇتقۇزغان خەلقىڭنىڭ ئۆتۈۋېلىشى ئۈچۈن، دېڭىزدىن قۇرۇقلۇق پەيدا قىلىپ، يول ئاچقان سەن ئەمەسمۇ!


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite