مىكاھ 7:14 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى14 ئى پەرۋەردىگار، ساڭا تەۋە پادىلارغا پادىچى بولغايسەن، ئۇلارنى قوغدىغايسەن! ئەتراپىدا مول ئوتلاقلار بولسىمۇ، لېكىن ئۇلار يەنىلا چاتقاللىقتا ئايرىم ياشىماقتا. ئۇلارنى بۇرۇنقى ۋاقىتلارغا ئوخشاش، باشان ۋە گىلئادنىڭ مۇنبەت ئوتلاقلىرىدا ئوتلاتقايسەن. Gade chapit la |
سەن ئەلچى ئەۋەتىپ مېنى، يەنى پەرۋەردىگارنى مەسخىرە قىلدىڭ. سەن پو ئېتىپ، ‹جەڭ ھارۋىلىرىم بىلەن ئېگىز تاغلارنى، لىۋاننىڭ ئەڭ چېتىدىكى تاغ چوققىلىرىنى بېسىۋالغانمەن، شۇنداقلا، ئەڭ ئېگىز كېدىرلەرنى، ئەڭ ياخشى كىپارىس دەرەخلىرىنى كېسىپ تاشلىغانمەن. ئەڭ يىراق، ئەڭ ئېگىز تاغلار ۋە ئەڭ چوڭ ئورمانلىقلارغا بارغانمەن،