Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 7:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

10 ئۇ چاغدا دۈشمەنلىرىمىز بۇنى كۆرىدۇ. بۇرۇن بىزنى مەسخىرە قىلىپ: «قېنى، پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا؟» دېگەنلەر شەرمەندە بولىدۇ. ئۇلارنىڭ جازالانغانلىقىغا شاھىت بولىمىز، ئۇلار ئەمدى خۇددى كوچىدىكى لايدەك دەسسىلىدۇ.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 7:10
42 Referans Kwoze  

ئۇلار جەڭ مەيدانىدىكى باتۇرلاردۇر. ئۇلار كوچىدىكى لاينى چەيلىگەندەك دۈشمەنلىرىنى چەيلەيدۇ. ئۇلار جەڭ قىلىدۇ، چۈنكى مەن پەرۋەردىگار ئۇلارغا ياردۇرمەن. ئۇلار دۈشمەن چەۋەندازلىرىنى نومۇسقا قويىدۇ.


ئۆتتى جېنىمدىن دۈشمەنلىرىمنىڭ تاپا-تەنىلىرى، دائىم ماڭا: «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشلىرى.


«ئەي ئەرش، ئەي خۇدانىڭ مۇقەددەس خەلقى، ئەلچىلەر ۋە پەيغەمبەرلەر! خۇش بولۇڭلار ئۇنىڭ بېشىغا كەلگەنلەردىن! چۈنكى، جازالاپ خۇدا ئۇنى، ئېلىپ بەردى سىلەرنىڭ دەردىڭلارنى.»


پەرۋەردىگارنىڭ خىزمىتىنى قىلىدىغان روھانىيلار ئىبادەتخانىنىڭ كىرىش ئېغىزى بىلەن قۇربانلىق سۇپىسىنىڭ ئارىلىقىغا يىغىلسۇن. ئۇلار مۇنداق دەپ دۇئا قىلسۇن: «ئى پەرۋەردىگار، ئۆز خەلقىڭنى ئايىغايسەن. ئۆز خەلقىڭنى يات ئەللەرنىڭ خورلۇقى ۋە مەسخىرىسىگە قالدۇرمىغايسەن. يات ئەللەرنىڭ: ‹قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى؟› دېگەن سۆزىگە قويمىغايسەن.»


كۈلپىتىمدىن خۇشال بولغانلار، غەپلەت بېسىپ شەرمەندە بولغاي. مەندىن ئۆزىنى ئۈستۈن تۇتقانلار، رەسۋا بولۇپ نومۇستا قالغاي.


ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى شامالدا ئۇچقان توزاندەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.


ئېزىۋەتتىم ئۇلارنى يەردىكى تۇپراقتەك، چەيلىۋەتتىم ئۇلارنى كوچىدىكى پاتقاقتەك.


ھازىر نۇرغۇن ئەللەر سىلەرگە قارشى يىغىلدى. ئۇلار: «بىز سىئوننى بۇلغايلى، ئۇنىڭ بۇلغانغانلىقىنى ئۆز كۆزىمىز بىلەن كۆرەيلى» دېيىشىدۇ.


سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر.


«قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دەپ، يات ئەللەر مازاق قىلسا بولامدۇ؟ قىرغىن قىلغان تۇرسا ئۇلار قۇللىرىڭنى، كۆرسەت بىزگە ئۇلارنى جازالىغانلىقىڭنى.


ئۇ خۇداغا ئىشىنەتتى، خۇدا ئۇنى ئەزىزلىسە، قۇتقۇزۇپ باقمىسۇنمۇ! چۈنكى، ئۇ: «مەن خۇدانىڭ ئوغلى» دېگەنىدى، - دېيىشتى.


مەن ھۆكۈمۈمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدىغان كۈندە، سىلەر يامانلىق قىلغۇچىلارنى خۇددى ئايىغىڭلار ئاستىدىكى كۈلدەك دەسسەيسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


سىلەر ئۇ ئىشلارنى ئۆز كۆزۈڭلار بىلەن كۆرۈپ: ‹پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ سىرتىدىمۇ بۈيۈكتۇر!› دەيسىلەر.»


ئەي ئىدوم، ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىغا، يەنى تۇغقانلىرىڭغا زوراۋانلىق قىلغانلىقىڭ ئۈچۈن، ئىزا-ئاھانەتكە قالىسەن ھەمدە مەڭگۈلۈككە ۋەيران قىلىنىسەن.


ھازىر سىلەر بۇرغا، نەي، لىرا، قالۇن، چىلتار، ناغرا قاتارلىق ھەر خىل سازلارنىڭ ئاۋازىنى ئاڭلىغان ھامان مەن تىكلىگەن ھەيكەلگە سەجدە قىلساڭلار، سىلەرنى كەچۈرىمەن. ئەگەر ئۇنداق قىلمىساڭلار، سىلەر ھازىرلا لاۋۇلداپ ئوت كۆيۈۋاتقان خۇمدانغا تاشلىنىسىلەر. شۇ چاغدا قايسى خۇدا سىلەرنى مېنىڭ قولۇمدىن قۇتقۇزالايدىكىن قېنى؟ _ دېدى.


مەن پەرۋەردىگار شۇنداق دەيمەنكى، بابىل ۋە ئۇنىڭدا ياشاۋاتقان بارلىق كىشىلەرنىڭ سىئوندىكى زىيانكەشلىكى ئۈچۈن، ئۇلارنى خەلقىمنىڭ كۆز ئالدىدا جازالايمەن.


مەسخىرە قىلىشىپ بىزنى يات خەلقلەر، «قېنى ئۇلارنىڭ خۇداسى» دېيىشەر.


رەقىبلىرىم كىيىم قىلسۇن خىجالەتنى، تون قىلىپ يېپىنسۇن نومۇسنى.


يامانلارنى جازالىسا خۇدايىم ھەققانىيلار خۇش بولار، يامانلارنىڭ قېنىدا پۇتلىرىنى يۇيىدۇ ئۇلار.


كۆز ياشلىرىم مەن ئۈچۈن كېچە-كۈندۈز بولدى غىزا، «قېنى خۇدايىڭ» دېيىشەر رەقىبلىرىم دائىم ماڭا.


ئۇلار ماتەملىك كىيىم كىيىپ، لاغىلداپ تىترەيدۇ، نومۇس تۇيغۇسى يۈزىنى قاپلايدۇ، ھازا تۇتۇشۇپ، چاچلىرىنى چۈشۈرۈشىدۇ.


مەن بىر ھۆكۈمراننى شىمالدىن قوزغىتىمەن، ئۇ كۈنچىقىش تەرەپتىن كېلىدۇ. ئۇ نامىمغا دۇئا قىلىدۇ. ئۇ تامچى ياكى كۇلالچى لاينى پېتىقلىغاندەك، ھۆكۈمرانلارنى دەسسەپ يانجىيدۇ.


تۇغقانلىرىڭ بەختسىزلىككە ئۇچرىغان كۈندە، ئۇلارنىڭ بەختسىزلىكىدىن خۇشال بولماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. يەھۇدىيە خەلقى ۋەيران بولغان كۈندە، شادلانماسلىقىڭ كېرەك ئىدى. ئۇلار بەختسىزلىككە يولۇققان كۈندە، مەسخىرە قىلماسلىقىڭ كېرەك ئىدى.


ئەي دۈشمەنلىرىم، ھالىمىزدىن شادلانماڭلار، يىقىلغان بولساق، ئورنىمىزدىن تۇرىمىز. قاراڭغۇلۇقتا قالغان بولساق، پەرۋەردىگار بىزگە نۇر بولىدۇ.


بۇنىڭدىن كەنئانلىقلار ۋە بۇ زېمىندا ياشاۋاتقان بارلىق خەلق خەۋەر تاپىدۇ. ئەمدى ئۇلار بىزنى قورشايدۇ ۋە نامىمىزنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىدۇ. ئۇ چاغدا ئۇلۇغ نامىڭنى قانداق قوغداپ قالىسەن؟


خۇددى خورما دەرىخىدەك گۈللەپ ياشنار ھەققانىيلار، ھەم يەنە لىۋاندىكى كېدىر دەرىخىدەك ئاينىپ ئۆسەر.


ئى پەرۋەردىگار، سەن جازالاش ئۈچۈن قولۇڭنى كۆتۈردۈڭ، لېكىن رەزىللەر بۇنى كۆرمىدى. ئۇلار سېنىڭ ئۆز خەلقىڭنى جان دىل بىلەن قوغدايدىغانلىقىڭنى كۆرسۇن ۋە خىجىل بولسۇن. سېنىڭ غەزىپىڭ دۈشمەنلىرىڭنى ئوتقا ئوخشاش يالماپ كەتسۇن.


پەرۋەردىگار ئىدومغا مۇنداق دېدى: «مەن سېنى ھېچكىم كۆزگە ئىلمايدىغان ناھايىتى ئاجىز بىر ئەلگە ئايلاندۇرۇپ قويىمەن.


پەرۋەردىگار سېنى جازالاشتىن ياندى! ئۇ سېنىڭ دۈشمەنلىرىڭنى قوغلاپ چىقاردى. پەرۋەردىگار ئىسرائىلىيەنىڭ پادىشاھىدۇر، ئۇ ساڭا ياردۇر. سېنىڭ ئەمدى بالا-قازادىن قورقۇشۇڭ بىھاجەتتۇر.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite