مىكاھ 6:4 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى4 مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىقىپ، قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇردۇم. مۇسا، ھارۇن ۋە مەريەملەرنى سىلەرنىڭ ئالدىڭلارغا يېتەكچى قىلىپ ئەۋەتتىم. Gade chapit la |
يەر يۈزىدە ئىسرائىللاردەك يەنە بىر خەلق بارمۇ؟ قايسى بىر خەلقنى ئىسرائىللاردەك قۇللۇقتىن قۇتۇلدۇرۇپ، ئۆز خەلقىڭ قىلدىڭ؟ ئىسرائىللار ئۈچۈن قىلغان ئۇلۇغ مۆجىزىلىرىڭ شان-شۆھرىتىڭنى نامايان قىلدى. سەن يات ئەللەرنى ئىلاھلىرى بىلەن قوشۇپ، ئۆزۈڭ مىسىردىن قۇتۇلدۇرۇپ چىققان ئۆز خەلقىڭنىڭ ئالدىدىن قوغلىۋەتتىڭ.
پەرۋەردىگارىڭلار خۇدا سىلەرنى مىسىردىكى قۇللۇقتىن قۇتقۇزۇپ چىققىنىدەك، قايسى بىر ئىلاھ بىر ئەلدىن بىر خەلقنى ئۆزى ئۈچۈن ئېلىپ چىققان؟ ئۇ ھەممىگە قادىر قۇدرەتلىك قولى بىلەن ئاپەت، مۆجىزە ۋە كارامەتلەرنى كۆرسىتىپ، ئۇرۇش ۋە ئادەمگە ۋەھىمە سالىدىغان ئىشلارنى كۆز ئالدىڭلاردا پەيدا قىلىپ، سىلەرنى قۇتقۇزدى.