3 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي خەلقىم، مەن سىلەرگە نېمە قىلدىم؟ سىلەرگە بىرەر ئېغىرلىقىم چۈشتىمۇ؟ جاۋاب بېرىڭلار!
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «سىلەرنىڭ ئەجدادلىرىڭلار مەندىن شۇنچە يىراقلاپ كەتكۈدەك، مەندىن قانداق ئەيىب تېپىۋالغانىدى؟ ئۇلار ئەرزىمەس بۇتلارغا چوقۇنۇپ، ئۆزلىرىنىمۇ ئەرزىمەس قىلىۋالدى.
خەلقىم سۆزۈمگە قۇلاق سالسا ئىدى، ئىسرائىللار مەن باشلىغان يولدا ماڭسا ئىدى.
ئەي خەلقىم، مەن پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ ئېيتقانلىرىغا قۇلاق سېلىڭلار. مەن سىلەر ئۈچۈن بىر قۇملۇقمۇ؟ مەن سىلەر ئۈچۈن قاراڭغۇ زېمىنمۇ؟ ئۇنداق بولمىسا نېمىشقا سىلەر ماڭا: ‹بىز ئاخىرى سەندىن قۇتۇلدۇق، ئالدىڭغا ئەمدى بارمايمىز!› دەيسىلەر؟
«مەن خۇدادۇرمەن، سىلەرنى ياراتقان خۇدا، ئەي خەلقىم، قۇلاق سېلىڭلار ماڭا، ئەي ئىسرائىل، شىكايىتىم بار ساڭا.
مۇقەددەس يازمىلاردىكى بۇ ئايەتلەرنىڭ تەۋرات قانۇنى ئاستىدا ياشايدىغان يەھۇدىيلارغا قارىتا ئېيتىلغانلىقىنى بىلىمىز. شۇنداق بولغاندا، يەھۇدىيلار ھەم يەھۇدىي ئەمەسلەرنىڭ باھانە كۆرسىتىدىغان ئېغىزلىرى تۇۋاقلىنىدۇ ۋە پۈتكۈل دۇنيادىكى ئىنسانلار خۇدانىڭ ھۆكۈمى ئاستىدا تۇرىدۇ.
ئەي خەلقىم، سىلەر موئاب پادىشاھى بالاقنىڭ سۇيىقەستىنى، بىئورنىڭ ئوغلى بىلئامنىڭ جاۋابلىرىنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شىتتىمدىن گىلگالغا قىلغان سەپىرىڭلار جەريانىدا يولۇققانلىرىڭلارنى ئەسلەپ بېقىڭلار. شۇندىلا سىلەر مېنىڭ قىلغان ئىشلىرىمنىڭ ھەققانىي ئىكەنلىكىنى بىلىسىلەر.»
تىڭشا خەلقىم، قۇلاق سال ئەي ئىسرائىللار! مەن سىلەرنى ئاگاھلاندۇراي:
گۇناھ قىلدىم ئالدى بىلەن سېنىڭ ئالدىڭدا، نەزىرىڭدە رەزىل ئىشلار ئىگىسىمەن ئى خۇدا. ئادالەتنىڭ ئىگىسىسەن پەقەت ئۆزۈڭ، ھەقتۇرسەن ماڭا ھۆكۈم چىقارماققا.
مەن ئۈزۈمزارلىقىم ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدىم! يەنە نېمە قىلىشىم كېرەك ئىدى؟ ئۈزۈملەرنىڭ ياخشى چىقىشىنى ئارزۇ قىلغانىدىم، بىراق نېمە ئۈچۈن ئۈزۈملەر ناچار چىقتى؟