Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 6:16 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

16 چۈنكى سىلەر پادىشاھ ئومرىنىڭ ناچار ئەمرلىرىگە ئىتائەت قىلىپ، ئوغلى ئاخابنىڭ ئەۋلادلىرىنىڭ رەزىل قىلمىشلىرىغا شېرىك بولدۇڭلار. ئۇلارنىڭ يولىدا ماڭدىڭلار. شۇڭا مەن سىلەرنى ۋەيران قىلىمەن. ئاھالىلەرنى مەسخىرىگە قويىمەن، سىلەر باشقا ئەللەرنىڭ خورلۇقىغا ئۇچرايسىلەر.»

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 6:16
31 Referans Kwoze  

سىلەر: ‹بىز نومۇسقا قالدۇق، ھاقارەت قىلىنىپ، كەمسىتىلدۇق، چۈنكى پەرۋەردىگارنىڭ ئىبادەتخانىسىنىڭ مۇقەددەس جايلىرى يات ئەللەر تەرىپىدىن بۇلغاندى› دەيسىلەر.


لېكىن ئۇلار ماڭا ئىتائەت قىلمىدى، سۆزلىرىمگە قۇلاق سالمىدى. ئەكسىچە ئۆزلىرىنىڭ رەزىل كۆڭۈللىرىدىكى جاھىل ئىستەكلىرىگە ئەگەشتى. ئۇلار ئالدىغا ماڭماي ئارقىغا چېكىنىپ كەتتى.


مەن بۇ شەھەرنى خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن، ئۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر داڭ قېتىپ تۇرۇپ قالىدۇ ۋە ئۇنىڭ ۋەيرانە ھالىتىنى مەسخىرە قىلىشىدۇ.


ئۇ ئۆلۈمنى مەڭگۈگە يۇتۇۋېتىدۇ. ئىگىمىز پەرۋەردىگار ھەممىنىڭ كۆز ياشلىرىنى سۈرتىدۇ، دۇنيانىڭ ئۆز خەلقىگە قىلغان ھاقارەتلىرىنى يۇيۇۋېتىدۇ. مانا بۇ پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىدۇر!


قالدۇردۇڭ بىزنى يات ئەللەرنىڭ ھاقارىتىگە، ئەتراپىمىزدىكىلەرنىڭ نەپىرىتى ۋە مەسخىرىسىگە.


لېكىن، ساڭا بىر ئېتىرازىم بار، ئۇ بولسىمۇ ئۆزىنى پەيغەمبەر دەپ تونۇشتۇرغان ئىزابېل ئىسىملىك خوتۇنغا يول قويۇۋاتىسەن. بۇ خوتۇن خەلقىمگە تەلىم بېرىپ، ئۇلارنى جىنسىي ئەخلاقسىزلىق قىلىشقا ۋە بۇتقا ئاتاپ نەزىر قىلىنغان گۆشنى يېيىشكە ئازدۇرماقتا.


ئىسرائىلىيە بۇتپەرەسلىك يولىدا مېڭىشتا چىڭ تۇرغانلىقى ئۈچۈن، ھۆكۈمۈمگە مەھكۇم بولۇپ، زۇلۇمغا قالىدۇ.


ئى ئىگەم، سەن بۇرۇن بىزگە رەھىمدىل بولغانىدىڭ، ھازىرمۇ رەھىمدىل بولۇپ، غەزەپ-نەپرىتىڭنى ئۆز شەھىرىڭ يېرۇسالېمدىن، يەنى مۇقەددەس تېغىڭدىن نېرى قىلغىن. چۈنكى بىزنىڭ گۇناھلىرىمىز ۋە ئەجدادلىرىمىزنىڭ گۇناھلىرى سەۋەبىدىن ئەتراپىمىزدىكى ئەللەر بىزنى، يەنى ئۆز خەلقىڭنى ۋە يېرۇسالېمنى مەسخىرە قىلماقتا.


ئۇلار باشقىلارنىڭ تەھدىتلىرىدىن قۇتۇلۇپ يۇرتلىرىدا خاتىرجەملىككە ئېرىشكەندە، بۇرۇن قىلغان نومۇسسىزلىقلىرى ۋە ماڭا قىلغان بارلىق ساداقەتسىزلىكلىرىدىن نومۇس ھېس قىلىشىدۇ.


ئى پەرۋەردىگار، يادىڭدا تۇت بېشىمىزغا كەلگەنلىرىنى، كۆرۈپ قوي تارتقان خورلۇقلىرىمىزنى.


مەن شىمالدىكى بارلىق خەلقلەرنى ۋە ‹خىزمەتكارىم› بولغان بابىل پادىشاھى نىبۇكادنەزەرنى چاقىرىپ ئەكېلىمەن. ئۇلارنى يەھۇدىيە ۋە ئۇنىڭ پۇقرالىرىغا، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى بارلىق قوشنا ئەللەرگە قارشى ئۇرۇش قىلىشقا ئاتلاندۇرىمەن. مەن بۇ خەلقنى ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى قوشنا ئەللەرنى تەلتۆكۈس يوقىتىمەن، ئۇلارنىڭ زېمىنىنى مەڭگۈلۈك خارابىلىككە ئايلاندۇرىمەن. مەن ئۇلارنى ئادەمنى چۆچۈتىدىغان قورقۇنچلۇق ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ، ئۇلارنى مەسخىرە نىشانى قىلىمەن.


بۇ ئەلنىڭ ئاقساقاللىرى خەلقنى ئازدۇردى، ئازدۇرۇلغان بۇ خەلق ۋەيران قىلىندى.


نەقەدەر بەختلىك ھە! يامانلارنىڭ سالاسىغا كىرمىگۈچى، گۇناھكارلارنىڭ يولىدا ماڭمىغۇچى، مەسخىرىچىلەر ئارىسىدا يۈرمىگۈچى.


چۈنكى ئۇلار مەندىن يۈز ئۆرۈپ، باشقا ئىلاھلارغا قۇربانلىق كۆيدۈرۈپ، غەزىپىمنى كەلتۈردى. غەزەپ ئوتۇم مۇشۇ زېمىندا يانىدۇ، ئۆچمەيدۇ›».


ئۇ ئاتىسى خىزكىيا بۇزۇۋەتكەن غەيرىي سەجدىگاھلارنى قايتىدىن ياساتتى. ئۇ يەنە ئىسرائىلىيە پادىشاھى ئاخابقا ئوخشاش ئىلاھ بائالغا ئاتاپ قۇربانلىق سۇپىلىرىنى، ئىلاھە ئاشېرانىڭ ياغاچ بۇتىنى ياساتتى ھەمدە ھەر خىل ئاسمان جىسىملىرىغا چوقۇنۇپ، ئۇلارغا سەجدە قىلدى.


ئەكسىچە ئىسرائىلىيە پادىشاھلىرىنىڭ يولىغا كىرىپ كەتتى. ئۇ پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنىڭ كۆز ئالدىدا زېمىنىدىن قوغلاپ چىقىرىۋەتكەن يات ئەللەرنى دوراپ، يىرگىنچلىك ئىشلارنى قىلدى، ھەتتا ئۆزىنىڭ ئوغلىنىمۇ قۇربانلىق قىلىپ، ئوتتا كۆيدۈردى.


پادىشاھ ئاخابنىڭ ئايالى، يەنى خانىش ئىزەبەل پەرۋەردىگارنىڭ پەيغەمبەرلىرىنى ئۆلتۈرۈشكە باشلىغاندا، ئوبادىيا ئۇلاردىن يۈز نەپىرىنى قۇتقۇزۇپ قېلىپ، ئىككى ئۆڭكۈرگە ئەللىكتىن يوشۇرۇپ، ئۇلارغا نان ۋە سۇ بەرگەنىدى.)


ھازىر ئۇلۇغلىنىۋاتقان بۇ ئىبادەتخانا خارابىلىككە ئايلىنىدۇ. بۇ يەردىن ئۆتكەن-كەچكەنلەر ھەيران بولۇشۇپ ۋە مەسخىرە قىلىشىپ: «پەرۋەردىگار نېمىشقا بۇ زېمىننى ۋە ئىبادەتخانىنى بۇ ھالغا كەلتۈرۈپ قويغاندۇ؟» دەپ سورىشىدۇ.


مەن يېرۇسالېم ۋە يەھۇدىيەنىڭ باشقا شەھەر-يېزىلىرىغا باردىم. ئۇلارنىڭ پادىشاھى ۋە ئەمەلدارلىرى بۇ غەزەپ شارابىدىن ئىچتى. شۇ كۈندىن باشلاپ بۈگۈنگە قەدەر، ئۇلار پۈتۈنلەي ۋەيران بولۇپ، ئادەملەرنى چۆچۈتىدىغان ھالغا كېلىپ قالدى ھەم مەسخىرە نىشانىغا ئايلاندى. ئۇلارنىڭ نامى قارغىش سۆزى ئورنىدا تىلغا ئېلىنىدىغان بولدى.


مەن ئۇلارنى داۋاملىق ئۇرۇش، ئاچارچىلىق ۋە كېسەللىكلەر بىلەن قوغلايمەن. دۇنيادىكى بارلىق پادىشاھلىقلار ئۇلارغا نېمە بولغانلىقىنى ئاڭلاپ، چۆچۈپ كېتىدۇ. مەن ئۇلارنى قەيەرگە تارقىتىۋەتسەم، كىشىلەر ئۇلارنىڭ بېشىغا كەلگەن ئىشلارنى ئاڭلاپ، قورقۇپ كېتىدۇ. ئۇلار ئىزا-ئاھانەت، مەسخىرە ۋە قارغىشقا ئۇچرايدۇ.


لېكىن ئىسرائىلىيە خەلقى پەرۋەردىگارنى قاتتىق رەنجىتتى. شۇڭا ئۇلارنىڭ ئىگىسى بولغان پەرۋەردىگار ئۇلاردىن قانغا قان ئالىدۇ، خورلۇقنى خورلۇق بىلەن قايتۇرىدۇ.


خەلق ماڭا مۇنداق دېدى: «بىزگە بۇنداق گەپلەرنى قىلما، بۇنداق بالا-قازالار ھەققىدە بېشارەت بەرمە. بىز ھەرگىز شەرمەندە بولمايمىز!»


شۇڭا مەن سىلەرگە ئېغىر زەربە بېرىشكە باشلىدىم، گۇناھلىرىڭلار سەۋەبىدىن سىلەرنى يوقىتىمەن.


پەرۋەردىگارنىڭ نەزىرىدە يامان بولغان ئىشلارنى قىلدى. ئاخازيانىڭ ئاتىسى ۋاپات بولغاندىن كېيىن، ئاخاب جەمەتىدىكىلەر ئۇنىڭ مەسلىھەتچىسى بولغانىدى. ئۇلار ئۇنى ھالاكەتكە باشلىدى.


يات ئەللەر ئارىسىدا مازاققا قالدۇردۇڭ بىزنى، مەسخىرە قىلىدۇ ئۇلار چايقىشىپ باشلىرىنى.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite