11 ناتوغرا تارازا ۋە ساختا تارازا تاشلىرىنى قوللانغان كىشىلەرنى بوش قويۇۋېتەرمەنمۇ؟
ئىسرائىلىيە خەلقى سەمىمىيەتسىز سودىگەرگە ئوخشايدۇ، ئۇلار قولىدىكى ساختا تارازا بىلەن باشقىلارنى ئالداشنى ياخشى كۆرىدۇ.
تارازاڭلار، تارازا تېشىڭلار، كۈرە ۋە كەمچىنىڭلار توغرا بولسۇن. مەن سىلەرنى مىسىردىن ئېلىپ چىققان پەرۋەردىگارىڭلار خۇدادۇرمەن.
ئادىل تارازا-مىزانلار خۇداغا خاستۇر، تارازا تاشلىرىنىڭ ھەممىسى ئۇنىڭ ئىجادىدۇر.
تىجارەت قىلغاندا، تېشى چوڭ، كىچىك بولغان ئىككى خىل تارازا ئىشلەتمەڭلار.
پەرۋەردىگار يىرگىنەر مەككارنىڭ تارازىسىدىن، خۇرسەن بولار ھەققانىينىڭ تارازا تېشىدىن.
تارازا ۋە ئۆلچىمىڭلار توغرا ۋە ئادىل بولسۇن.
سىلەر ئۆز-ئۆزۈڭلارغا: «يېڭى ئاي بايرىمى ئۆتۈپ كەتسىلا، ئاشلىقلىرىمىزنى ساتالايتتۇق. دەم ئېلىش كۈنى ئۆتۈپ كەتسىلا، بۇغداي ئامبارلىرىمىزنى ئاچالايتتۇق. كەمچىنىمىزنى كىچىكلىتىپ، باھاسىنى ئۆستۈرۈپ، ساختا تارازا بىلەن ئالدامچىلىق قىلالايتتۇق.
پەرىشتە: _ بۇ ئايالنىڭ ئىسمى «رەزىللىك»تۇر، _ دېدى. ئاندىن چىقىشقا ئۇرۇنغان ئايالنى ئىدىشنىڭ ئىچىگە قايتىدىن تىقىپ، قاپقاقنى يېپىۋەتتى.
تارازىدا ۋە ئۆلچەمدە ئادىل بولمىغاندا، ھەر ئىككىسى يىرگىنچلىك بىلىنەر پەرۋەردىگارغا.