مىكاھ 6:10 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى10 مەن رەزىللەرنىڭ ئۆيىدىكى ھارام بايلىقلارغا يەنە كۆز يۇمارمەنمۇ؟ ئۇلارنىڭ ساختا گىر تاشلىرى لەنەتلەنگەندۇر. Gade chapit la |
ئىسرائىللار پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردە ساداقەتسىزلىك قىلىپ، ئۇلارنى يوقاتماي، گۇناھ ئۆتكۈزدى. ئاكان ئىسىملىك بىر كىشى پەرۋەردىگارغا ئاتالغان نەرسىلەردىن بىر قىسمىنى تىقىۋالدى، شۇنىڭ بىلەن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ئىنتايىن غەزەپلەندى. ئاكان بولسا يەھۇدا قەبىلىسىدىن بولغان زەراخنىڭ ئوغلى زابدىنىڭ ئەۋلادى بولۇپ، كارمىنىڭ ئوغلى ئىدى.