1 ئەي ئىسرائىللار، پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئورنۇڭلاردىن تۇرۇڭلار، تاغلارغا بېرىپ، ئۆزۈڭلارنى ئاقلاڭلار. ئەرزىڭلارنى ئېدىرلار ئاڭلىسۇن.
ئەي يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى، يەھۇدىيە زېمىنى! پەرۋەردىگارنىڭ سۆزلىرىگە قۇلاق سال.
ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال ماڭا، ئەي زېمىن، سۆزۈمنى ئاڭلا.
ئەي بارلىق خەلقلەر، قۇلاق سېلىڭلار! ئەي زېمىن ۋە زېمىندىكى مەۋجۇداتلار، سۆزۈمنى ئاڭلاڭلار! ئىگىمىز پەرۋەردىگار ئۆزىنىڭ مۇقەددەس ئىبادەتخانىسىدا تۇرىدۇ. ئۇ يەردە ئۇ سىلەرگە قارشى گۇۋاھلىق بېرىدۇ.
_ ئەي ئادەم بالىسى، ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرىغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ، دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، مېنىڭ سۆزلىرىمگە قۇلاق سېلىڭلار! دۈشمەنلەر: ‹بۇ قەدىمىي تاغلار بىزگە مەنسۇپ بولدى› دېيىشىپ، قاقاقلاپ كۈلۈشمەكتە.»
ئۇ چاقىرىپ ئاسمان بىلەن زېمىننى گۇۋاھلىققا، دەيدۇ مۇنداق، ئۆز خەلقىنى تارتىش ئۈچۈن سوراققا:
ئەگەر مېنىڭ دېگىنىمدەك قىلمىساڭلار، بۈگۈن ئاسمان-زېمىن سىلەرگە قارشى گۇۋاھ بولسۇنكى، ئىئوردان دەرياسىنىڭ قارشىسىدىكى سىلەر ئىگىلەيدىغان زېمىنىڭلاردا تېز ۋەيران قىلىنىپ، پۈتۈنلەي يوق قىلىنىسىلەر. ئۇ يەردە ئۇزاق ياشىيالمايسىلەر.
ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، سىلەردە ئەمدى دەرەخلەر كۆكلەپ، خەلقىم ئۈچۈن مېۋە بېرىدۇ، چۈنكى ئۇلار پات ئارىدا قايتىپ كېلىدۇ.
پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئاڭلا، ئەي ئەرشئەلا، قۇلاق سال، ئەي يەر-زېمىن، بېقىپ چوڭ قىلغان بالىلىرىم ماڭا قارشى چىقتى.
- ئۇلار جىم تۇرغان تەقدىردىمۇ، بۇ تاشلار چېغىدا خۇدانى مەدھىيىلەپ چۇقان سېلىشقان بولاتتى، - دېدى ھەزرىتى ئەيسا ئۇلارغا.
قادىر خۇدا _ پەرۋەردىگار خىتاب قىلدى جاھان ئەھلىگە، مەشرىقتىن-مەغرىبقىچە بولغان پۈتكۈل يەر يۈزىدىكىلەرگە.
ئۇنىڭ ئايىغى ئاستىدىكى تاغلار خۇددى مومدەك ئېرىمەكتە. جىلغىلار يېرىلىپ، قىيا تاشلار خۇددى سۇدەك تاغ باغرىدىن ئاقماقتا.
پەرۋەردىگار يەنە ماڭا مۇنداق دېدى: _ سەن بۇ ئۇستىخانلارغا ۋەھىيىمنى يەتكۈزۈپ، مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي قۇرۇپ كەتكەن ئۇستىخانلار، پەرۋەردىگارىڭلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاڭلار!
مەن يەرەمىيا يەھۇدىيە خەلقىگە مۇنداق دېدىم: «قۇلاق سېلىپ ئاڭلاڭلار! ھاكاۋۇرلۇق قىلماڭلار! چۈنكى پەرۋەردىگار سىلەرگە شۇنداق دېگەن.
ئەي مىسىردىن ئېلىپ چىقىلغان پۈتكۈل ئىسرائىلىيە خەلقى، پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرگە قارشى ئېيتقان سۆزلىرىگە قۇلاق سېلىڭلار:
سامۇئىل سائۇلغا قاراپ: _ توختاپ تۇر! مەن ساڭا پەرۋەردىگارنىڭ تۈنۈگۈن ئاخشام ماڭا دېگەن سۆزلىرىنى ئېيتىپ بېرەي، _ دېدى. _ قېنى، مەرھەمەت، _ دېدى سائۇل.
ئەمدى سىلەر ئۆز جايىڭلاردا ئۆرە تۇرۇڭلار، مەن سىلەرگە پەرۋەردىگارنىڭ سىلەرنى، شۇنداقلا ئاتا-بوۋاڭلارنى قايتا-قايتا قۇتقۇزغانلىقىنى ئۇنىڭ ئالدىدا ئېتىپ بېرەي.
ماڭا بويسۇنمىغان خەلقلەرگە قەھر-غەزىپىمنى ياغدۇرۇپ، ئىنتىقام ئالىمەن.»
ئەي تاغلار، پەرۋەردىگارنىڭ ئەيىبلىشىنى ئاڭلاڭلار! ئەي زېمىننىڭ مەڭگۈلۈك ئۇللىرى، قۇلاق سېلىڭلار. چۈنكى پەرۋەردىگار ئۆز خەلقىنىڭ ئۈستىدىن دەۋا ئېچىۋاتىدۇ، ئىسرائىللارنى ئەيىبلەۋاتىدۇ.
پەرۋەردىگار سوتتىن ئورۇن ئالدى، ئۇ خەلقنى سوراققا تارتىشقا ھازىرلاندى.
ۋە ئۇلارغا مۇنداق دەپ ئېيت: «ئەي ئىسرائىلىيەنىڭ تاغلىرى، ئىگىمىز پەرۋەردىگارنىڭ سۆزىگە قۇلاق سېلىڭلار. ئەي تاغلار، ئېدىرلار، جىرالار ۋە جىلغىلار، پەرۋەردىگار سىلەرگە مۇنداق دەيدۇ: ‹مەن سىلەرگە قارشى قىلىچ ئەۋەتىمەن. سىلەردىكى غەيرىي سەجدىگاھلارنى ۋەيران قىلىمەن.