6 ئۇلار قىلىچلىرى بىلەن ئاسسۇرلارغا ۋە نىمرودنىڭ زېمىنىغا ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئاسسۇرلار بىزگە ھۇجۇم قىلىپ، چېگرايىمىزغا ئاياغ باسقاندا، ئۇ بىزنى ئۇلارنىڭ قوللىرىدىن قۇتقۇزىدۇ.
مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.
پەرۋەردىگار شىمالدىكى ئاسسۇرىيەگە قارشى قول كۆتۈرۈپ، نىنەۋى شەھىرىنى قاقاس چۆل-باياۋانغا ئايلاندۇرىدۇ.
نىنەۋى شەھىرىگە نېمە بولغاندۇ؟ ئۇ شىرلار ئۇۋىسىغا ئوخشاش ئىدىغۇ! ئۇ يەردە ياش شىرلار غىزالىناتتى، ئارسلانچاقلار ئەركەك ۋە چىشى شىر بىلەن بىخەتەر ياشايتتى.
ئەي، باشقىلارنى ۋەيران قىلىپ، ئۆزى ۋەيران قىلىنمىغانلار، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! ئەي ئالدامچىلار، ئۆزى ئالدام خالتىغا چۈشمىگەنلەر، سىلەرنىڭ ھالىڭلارغا ۋاي! سىلەر ۋەيران قىلىپ بولغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ۋەيران بولىسىلەر. سىلەر ئالدامچىلىق قىلغاندىن كېيىن، ئۆزۈڭلار ئالدىنىسىلەر.
ئۇ خەلقلەر ئىسرائىللارنى، ئىسرائىل خەلقىنىڭ ئۆز زېمىنىغا باشلاپ كېلىدۇ. ئىسرائىللارنىڭ زېمىنىغا ياشاش ئۈچۈن كەلگەن بۇ خەلقلەر ئىسرائىللارغا خىزمەت قىلىدۇ. ئىسرائىللار بۇرۇن ئۆزلىرىنى ئەسىر قىلغانلارنى ئەسىر قىلىدۇ، ئۆزلىرىنى ئەزگەنلەرگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ.
شۇڭا پەرۋەردىگار ئاسسۇر پادىشاھىنىڭ سەركەردىلىرىنى ئەۋەتىپ، ئۇلارغا ھۇجۇم قىلدۇردى. ئۇلار ماناسسەنى تۇتقۇن قىلىپ، بۇرنىغا چۈلۈك ئۆتكۈزۈپ، تۇچ كىشەن بىلەن كىشەنلەپ، بابىلغا ئېلىپ كەتتى.
ئىسرائىلىيە پادىشاھى پەقاخنىڭ زامانىدا، ئاسسۇر پادىشاھى تىگلات-پىلئەسەر ئىيون، ئابېل-بەيتمائاكا، يانوۋاخ، قەدەش، خازور شەھەرلىرى، گىلئاد بىلەن جەلىلىيە زېمىنلىرى ۋە نافتالى قەبىلىسىنىڭ پۈتۈن زېمىنىنى ئىگىلەپ، خەلقىنى ئەسىر قىلىپ، ئاسسۇرغا ئېلىپ كەتتى.
ئاندىن، ئۇ مۇقەددەس يازمىلاردا مۇسا ۋە باشقا بارلىق پەيغەمبەرلەرنىڭ ئۆزى ھەققىدە ئالدىن يېزىلغانلىرىنى ئۇلارغا سۆزلەپ چۈشەندۈردى.
ئاندىن پەرۋەردىگارنىڭ پەرىشتىسى ئاسسۇرلارنىڭ بارگاھىغا بېرىپ، 185 مىڭ لەشكىرىنى ئۆلتۈرۈپ تاشلىدى. ئاسسۇر لەشكەرلىرى ئەتىسى ئەتىگەندە ئورنىدىن تۇرۇپ، پۈتۈن يەرنى جەسەتلەر قاپلاپ كەتكىنىنى كۆردى.
شۇنىڭ بىلەن ئاسسۇر پادىشاھى سانخېرىب ھايات قالغان قوشۇنلىرىنى ئېلىپ، ئۆز ئېلىگە قايتتى. پادىشاھ سانخېرىب نىنەۋى شەھىرىدىكى ئۆيىگە قايتىپ، شۇ يەردە تۇرۇپ قالدى.
يۇمران چۆپنى ھۆل قىلغان، بېدىلەرنى سۇغارغان يامغۇر كەبى تۆكۈلسۇن تەلىملىرىم، شەبنەم كەبى چۈشسۇن سۆزلىرىم.
كۇشنىڭ نىمرود ئىسىملىك يەنە بىر ئوغلى بولۇپ، ئۇ يەر يۈزىدىكى بىرىنچى باتۇر ھېسابلىناتتى.
سۆزلىرىمگە ھېچكىم قوشۇمچە قىلمايتتى. سۆزلىرىم ئۇلارنىڭ قەلب ئېتىزىغا نەمخۇشلۇق ئاتا قىلاتتى.
يامغۇر كەبى پادىشاھنىڭ ھۆكۈمرانى، ياشارتقاي يېڭىدىن ئورۇلغان ئوتلاقلارنى، يېغىن بولۇپ سۇغارغاي يەر-زېمىننى.
سەن جەڭ قىلىدىغان كۈنى قوشۇنلىرىڭنى يىغقاندا، تەقۋادارلىرىڭ چىقار ئۆز ئىختىيارلىقىدا. سۈبھىدە كېلۇر نەۋقىرانلار ئالدىڭغا، خۇددى شەبنەم چۈشكەندەك سەن تۇرغان تاغقا.
بۇ زېمىندا خەلقنىڭ ئوندىن بىرى قالسىمۇ، زېمىن يەنىلا ۋەيران قىلىنىدۇ. لېكىن خۇددى پىستە ۋە دۇپ دەرەخلىرى كېسىلىپ، كۆتىكى قالسىمۇ يەنە كۆكلىگەندەك، ئۇلارمۇ كۆكلەيدۇ. مۇقەددەس ئۇرۇق _ شۇ كۆتەكتۇر.»
يات ئەللەرنىڭ ئەرزىمەس بۇتلىرى يامغۇر ياغدۇرالامدۇ؟ ئاسماندىن ئۆزلۈكىدىن يامغۇر ياغامدۇ؟ ياق! پەقەت بىزنىڭ پەرۋەردىگارىمىز خۇدا سەنلا شۇنداق قىلالايسەن. شۇنىڭ ئۈچۈن بىزنىڭ ئۈمىدىمىز سەندە، چۈنكى پەقەت سەنلا ھەممىگە قادىرسەن.»
مەن ئىچىڭلاردىكى كەمتەر ۋە ئىتائەتمەن كىشىلەرنى قالدۇرىمەن. ئۇلار مېنىڭ نامىمدىن پاناھلىق ئىزدەيدۇ.