Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 5:5 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

5 ئۇ بىزگە ئامانلىق ئېلىپ كېلىدۇ. ئاسسۇرلار زېمىنىمىزغا ھۇجۇم قىلىپ، قورغانلىرىمىزغا بۆسۈپ كىرگەندە، بىز ئۇلارغا قارشى يەتتە نەپەر يېتەكچى ۋە سەككىز نەپەر سەركەردە تەيىنلەپ، ئۇلارغا زەربە بېرىمىز.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 5:5
31 Referans Kwoze  

«ئەرشىئەلادىكى خۇداغا شان-شەرەپلەر بولسۇن! ئۇنىڭ يەر يۈزىدە يېقىن كۆرگەن بەندىلىرىگە ئامانلىق بولسۇن!» دېيىشتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «خەلقىمنىڭ سەركىلىرىگە غەزەپلىنىمەن. مەن بۇ يېتەكچىلەرنى جازالايمەن. مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار پادىلىرىمغا، يەنى يەھۇدىيە خەلقىگە كۆڭۈل بۆلىمەن. مەن ئۇلارنى كۈچلۈك جەڭ ئاتلىرىغا ئايلاندۇرىمەن.


سىلەرگە ئامانلىق قالدۇرىمەن، ئۆز ئامانلىقىمنى سىلەرگە تەقدىم قىلىمەن. مېنىڭ سىلەرگە تەقدىم قىلغىنىم بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرىنىڭ سىلەرگە بەرگىنىگە ئوخشىمايدۇ. كۆڭلۈڭلارنى بىئارام قىلماڭلار، قورقماڭلار.


مەن ئىسرائىلىيەدىن جەڭ ھارۋىلىرىنى، يېرۇسالېمدىن جەڭ ئاتلىرىنى يوقىتىمەن. ئۇرۇش قوراللىرىنى سۇندۇرۇپ تاشلايمەن. ئاندىن ئۇ ئەللەرگە تىنچلىق جاكارلار. ئۇنىڭ ھۆكۈمرانلىقى دېڭىزدىن دېڭىزغىچە، فىرات دەرياسىدىن تېخىمۇ يىراق بولغان زېمىننىڭ چېتىگىچە بولىدۇ.


ئوخشىمىغان يەرلەرگە مەبلەغ سال، چۈنكى بۇ دۇنيادا بېشىڭغا قانداق بالا-قازالارنىڭ كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيسەن.


ئالتە قېتىم بالا-قازاغا ئۇچرىساڭمۇ خۇدا سېنى قۇتقۇزىدۇ، يەتتىنچى قېتىم بېشىڭغا ئاپەت كەلسىمۇ، ساڭا زىيان-زەخمەت يەتكۈزەلمەيدۇ.


پاكىز ۋە ئاپئاق ئېسىل كەندىر تون كىيگەن ئەرشتىكى قوشۇنلار ئاق ئاتلارغا مىنىپ، ئۇنىڭ كەينىدىن ئەگىشىپ كېلىۋاتاتتى.


دىۋە ۋە پادىشاھلار بىرلىشىپ قوزىغا قارشى جەڭ قىلىدۇ. قوزا غەلىبە قىلىدۇ، چۈنكى قوزا رەبلەرنىڭ رەببى، پادىشاھلارنىڭ پادىشاھىدۇر. ئۇنىڭ بىلەن بىر سەپتىكىلەر چاقىرىلغان، تاللانغان ۋە ئۇنىڭغا سادىق بولغانلاردۇر.


بۇلارنى سىلەرگە مەن ئارقىلىق ئامانلىق تاپسۇن، دەپ ئېيتتىم. بۇ دۇنيانىڭ ئادەملىرى سىلەرنى ئازاب-ئوقۇبەتكە سالىدۇ. ئەمما، غەيرەتلىك بولۇڭلار! چۈنكى، مەن بۇ دۇنيا ئۈستىدىن غەلىبە قىلدىم!


ئۇ كۈن كەلگەندە، مەن يەھۇدىيەنىڭ يېتەكچىلىرىنى ئوتۇن ئارىسىدىكى چوغ، سامان ئارىسىدا يېنىپ تۇرغان مەشئەل قىلىمەن. ئۇلار ھەر تەرەپتىن قورشاۋغا ئالغان بارلىق ئەللەرنى كۆيدۈرۈپ تاشلايدۇ. يېرۇسالېم خەلقى ئۆز جايىدا، يەنى يېرۇسالېمدا ئامان-ئېسەن ياشايدۇ.


مەن يەھۇدىيەنى يادەك ئېگىمەن، ئىسرائىلىيەنى ئوق كەبى بەتلەيمەن. ئەي سىئون خەلقى، مەن ئوغۇللىرىڭلارنى ئويغىتىپ، يۇنان خەلقىگە قارشى ھۇجۇم قىلدۇرىمەن. مەن سىلەرنى جەڭچىلەرنىڭ قىلىچىدەك ئىشلىتىمەن.»


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «گازا خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! ئۇلار يېزىلاردىكى پۈتۈن كىشىلەرنى تۇتقۇن قىلىپ، ئىدومغا قۇللۇققا ساتتى.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «دەمەشق خەلقى گۇناھ ئۈستىگە گۇناھ قىلدى. مەن ئۇلارنى جازالىماي قويمايمەن! تۆمۈر چىشلىق تۇلۇق بىلەن خامان ئەزگەندەك، ئۇلار گىلئادتىكى خەلقىمنى يانجىپ ئەزدى.


شۇ ۋاقىت كەلگەندە، مەن داۋۇتنىڭ ئەۋلادلىرىدىن ھەققانىي بىر نوتىنى يېتىشتۈرىمەن. ئۇ، زېمىندا ھەققانىي ۋە دۇرۇس ئىشلارنى قىلىدۇ.


پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «كىشىلەر ئۈزۈم بارىڭىدىكى ناچار ئۈزۈملەرنىڭ ئارىسىدىن ياخشى ئۈزۈملەرنى تاپقاندا، ئۇلار: ‹بۇ ئۈزۈم تېلىنى يۇلۇۋەتمە، چۈنكى ئۇنىڭدا سۇلۇق، ياخشى ئۈزۈملەر بار› دىيىشىدۇ، شۇنىڭغا ئوخشاش، مەن ماڭا سادىق بولغان خىزمەتكارلىرىمنىڭ ۋەجىدىن خەلقىمنىڭ ھەممىسىنى ۋەيران قىلىۋەتمەيمەن.


كۈن چىقىشتىن كۈن پېتىشقىچە بولغان بارلىق ئىنسان پەرۋەردىگارنىڭ نامىنى ۋە ئۇنىڭ شان-شەرىپىنى ھۆرمەتلىسۇن. پەرۋەردىگار خۇددى ئۆزى قوغلىۋەتكەن دەھشەتلىك دەريا ئېقىنلىرىدەك ئېتىلىپ كېلىدۇ.


مەن: ‹كورەش پادىشاھ پادىچىغا ئوخشاش خەلقىمنى باقىدۇ› دېسەم، ئۇ مېنىڭ ئىرادەمنى ئەمەلگە ئاشۇرىدۇ. ئۇ بۇيرۇق چۈشۈرۈپ: ‹يېرۇسالېم قايتا قۇرۇلسۇن، ئىبادەتخانىسىنىڭ ئۇللىرى قايتا سېلىنسۇن› دەيدۇ.»


ئۇنداقتا پەرۋەردىگار ئۆزى سىلەرگە شۇنداق بېشارەت بېرىدۇ: ياش قىز ھامىلىدار بولۇپ، بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇ بالىغا «ئىممانۇئېل» دەپ ئىسىم قويىدۇ.


ئۈچ ھايۋان باركى، قەدەملىرى ھەيۋەتلىك، ياق، تۆت جانىۋار بار، مېڭىشى ھەيۋەتلىك. ئۇلاركى:


ئۈچ ئىش باركى، مەن ئۈچۈن ئىنتايىن سىرلىق بولغان، ياق، تۆت ئىش بار، ئەقلىم يەتمەيدىغان، ئۇلاركى:


روناق تاپقاي ھەققانىيلار ئۇنىڭ زامانىدا، تىنچلىق بولغاي زېمىندا تاكى ئاي نۇر بېرىشتىن توختىغىچە ئاسمانغا.


پەرۋەردىگارنىڭ يىرگىنىدىغان ئىشى ئالتە، ياق، نەپرەتلىنىدىغان ئىشى يەتتە.


مەن ئۆز خەلقىمنىڭ زېمىنىدا ئاسسۇرلارنى كۇكۇم-تالقان قىلىمەن، خەلقىمنىڭ تاغلىرىدا ئۇلارنى دەسسەپ چەيلەيمەن. ئۇلارنىڭ سالغان قۇللۇق بويۇنتۇرۇقى خەلقىمنىڭ بوينىدىن يۇلۇپ تاشلىنىدۇ، ئۇلارنىڭ ئېغىر يۈكى خەلقىمنىڭ زىممىسىدىن ئېلىپ تاشلىنىدۇ.


خەلقىم كۈلپەت دېڭىزىدىن ئۆتكەندە، دولقۇنلار پەسلەيدۇ. نىل دەرياسىنىڭ چوڭقۇر سۇلىرى قۇرۇيدۇ. ئاسسۇرلارنىڭ ھەيۋىسى سۇنىدۇ. مىسىرلىقلارنىڭ سەلتەنەت ھاسىسى يوقىلىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite