3 پەرۋەردىگار ئىسرائىللارنى دۈشمىنىگە تاپشۇرۇپ بېرىدۇ. پەقەت ھامىلىدار ئايال بالىسىنى تۇغقاندا، ئاندىن ئۇ بالىنىڭ ئامان قالغان ئىسرائىل قېرىنداشلىرى ئىسرائىللارنىڭ ئارىسىغا قايتىپ كېلىدۇ.
ئۇ بىر ئوغۇل تۇغىدۇ. ئۇنىڭغا ئەيسا [مەنىسى «پەرۋەردىگار قۇتقۇزىدۇ»] دەپ ئىسىم قويغىن، چۈنكى ئۇ ئۆز خەلقىنى گۇناھلىرىدىن قۇتقۇزىدۇ» دېدى.
مەن ئۇ توكۇرلارنى ئاساسلىق خەلقىم قىلىمەن. مەن سۈرگۈن قىلغانلارنى كۈچلۈك بىر ئەل قىلىمەن. مەن پەرۋەردىگار شۇ كۈندىن باشلاپ سىئون تېغىدا تۇرۇپ، ئۇلارغا مەڭگۈ ھۆكۈمرانلىق قىلىمەن.
ئەي ئىسرائىلىيە، مەن سەندىن قانداقمۇ ۋاز كېچەي، سېنى قانداقمۇ تاشلىۋېتەي، سېنى قانداقمۇ ئادماھ شەھىرىگە ئوخشاش گۇمران قىلاي، ساڭا قانداقمۇ زىبويىم شەھىرىگە ئوخشاش مۇئامىلە قىلاي؟! كۆڭلۈم بۇنداق قىلىشقا ئۇنۇمايدۇ، چۈنكى قەلبىم مۇھەببەتكە تولۇپ تاشقاندۇر.
لېكىن يەر-زېمىن كىشىلەرنىڭ گۇناھى سەۋەبىدىن قاقاسلىققا ئايلىنىدۇ.
شۇنداق بولسىمۇ، مەن ئۇنى قايتىدىن ئۆزۈمگە قىزىقتۇرىمەن. چۆلگە ئاپىرىپ، شېرىن سۆزلەر بىلەن كۆڭلىنى ئالىمەن.
شۇڭا ئورما ئۇرۇش ۋە شاراب چىقىرىش ۋاقىتلىرى كەلگەندە، مەن ئاشلىق ۋە شارابلىرىمنى ئۇنىڭغا بەرمەيمەن. ئۇنىڭغا كىيىم-كېچەك ئۈچۈن بەرگەن يۇڭ ۋە زىغىر رەختلەرنى تارتىۋالىمەن.
چۈنكى، خۇدا ئەلمىساقتىلا بۇ كىشىلەرنى بىلگەن. ئۇ، بۇ كىشىلەرنىڭ كەلگۈسىدە ئۆز ئوغلىغا ئوخشاش بولۇشىنى ئالدىن بەلگىلىگەن. بۇنىڭدىن مەقسەت، ئەيسا مەسىھنى بۇ نۇرغۇن قېرىنداشلارنىڭ ئارىسىدا تۇنجى ئوغلى قىلىش ئىدى.
بىراق، پادىشاھ ئۇلارغا: «بىلىپ قويۇڭلاركى، ئەڭ ئەرزىمەس قېرىنداشلىرىمدىن بولغان بۇلارنىڭ بىرەرسىگە قىلغىنىڭلار دەل ماڭا قىلغىنىڭلار بولۇپ ھېسابلىنىدۇ» دەپ جاۋاب بېرىدۇ.
چۈنكى، كىم ئەرشتىكى ئاتامنىڭ ئىرادىسىگە ئەمەل قىلسا، شۇ مېنىڭ ئاكا-ئىنىم، ئاچا-سىڭلىم ۋە ئانامدۇر، - دېدى.
يېسەڭلارمۇ قورسىقىڭلار تويمايدۇ، يەنىلا ئاچ يۈرىسىلەر. بايلىق يىغىسىلەر، لېكىن يىغقان بايلىقىڭلارنى ساقلىيالمايسىلەر. يىغقىنىڭلارنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلىمەن.
پەرۋەردىگار دەيدۇكى، شۇ ۋاقىتتا مەن ئىسرائىلىيەدىكى بارلىق قەبىلىلەرنىڭ خۇداسى بولىمەن، ئۇلار مېنىڭ خەلقىم بولىدۇ.
شۇ چاغدا پەرۋەردىگار قولىنى ئىككىنچى قېتىم كۆتۈرۈپ، قېلىپ قالغان بۇ ئاز بىر قىسىم خەلقنى قۇتقۇزىدۇ، يەنى ئۇلارنى ئاسسۇرىيەدىن، مىسىردىن، پاتروستىن، ئېفىيوپىيەدىن، ئېلامدىن، بابىلدىن، خاماتتىن ۋە ئوتتۇرا دېڭىز قىرغاقلىرىدىن قايتۇرۇپ كېلىدۇ.
سىلەر ئەجدادلىرىڭلاردىن، ئىسرائىلىيەلىك قېرىندىشىڭلاردىن ئۈلگە ئالماڭلار. ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئەجدادلىرى ئېتىقاد قىلغان پەرۋەردىگار خۇداغا سادىق بولمىغانلىقى ئۈچۈن، خۇددى سىلەر بۈگۈن كۆرۈپ تۇرغاندەك، پەرۋەردىگار ئۇلارنى ناھايىتى قورقۇنچلۇق ئاقىۋەتكە دۇچار قىلدى.
ياروبئامنىڭ بۇتپەرەسلىكى ۋە ئىسرائىلىيەلىكلەرنى بۇتپەرەسلىككە يېتەكلىگەن گۇناھى ئۈچۈن پەرۋەردىگار ئىسرائىللاردىن ۋاز كېچىدۇ.
يامانلىقتىن يىرگىنىپ، ياخشىلىقنى سۆيۈڭلار. شەھەر دەرۋازىسى ئالدىدا ئادالەتنى تەشەببۇس قىلىڭلار. شۇنداق قىلساڭلار، ئەي يۈسۈپ ئەۋلادلىرىدىن ئامان قالغانلار، قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار خۇدا بەلكىم سىلەرگە شاپائەت كۆرسىتەر.
ياقۇپنىڭ ھايات قالغان ئەۋلادلىرى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىدا خۇددى پەرۋەردىگار چۈشۈرگەن شەبنەمگە، ئوت-چۆپلەرگە ياغقان يامغۇرغا ئوخشايدۇ. ئۇلار ھېچكىمگە تايانمايدۇ، ھېچكىمنى كۈتمەيدۇ.
ياقۇپنىڭ ئامان قالغان ئەۋلادلىرى ئەللەر ئارىسىغا، يەنى نۇرغۇن ئەللەر ئارىسىغا، خۇددى ئورماندا ياشايدىغان ھايۋانلارنىڭ ئارىسىدىكى شىردەك، قويلار ئارىسىغا ئېتىلىپ كىرگەن ياش شىردەك بۆسۈپ كىرىپ، ئولجىلىرىنى پارە-پارە قىلىپ تاشلايدۇ. ھېچكىم ئولجىلارنى قۇتقۇزالمايدۇ.
مەدھىيەلىگەي سېنى خۇدا ھەممە خەلقلەر، ھەمدۇسانا ئوقۇغاي ساڭا جىمى مىللەتلەر.
پەرۋەردىگار ماڭا مۇنداق دېدى: «ياقۇپ قەبىلىلىرىنى قايتىدىن تىكلەيسەن، ئىسرائىللاردىن ئامان قالغانلارنى قايتۇرۇپ كېلىسەن، مەن سېنى پەقەت مۇشۇ ئىشلار ئۈچۈنلا خىزمەتكار قىلغىنىم يوق! مېنىڭ نىجاتلىقىم دۇنيانىڭ بۇلۇڭ-پۇچقاقلىرىغىچە يېتىپ بارسۇن دەپ، سېنى پۈتكۈل ئەللەرگە نۇر قىلىمەن.»
مەن پەرۋەردىگار سىلەرگە ئېيتىمەنكى، شۇنداق بىر كۈن چوقۇم كېلىدۇ، شۇ كۈنى مەن داۋۇت ئەۋلادىدىن بولغان بىر ‹ھەققانىيلىق نوتىسى›نى تىكلەيمەن. ئۇ خەلقىمنى دانالىق بىلەن باشقۇرىدۇ، بۇ زېمىندا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىق بىلەن ئىش يۈرگۈزىدۇ.
ئېزىپ قالغانلىرىنى ئىزدەيمەن، تارقىلىپ كەتكەنلىرىنى يىغىمەن، يارىلانغانلىرىنىڭ يارىسىنى تاڭىمەن، ئاجىزلىرىنى كۈچلەندۈرىمەن. لېكىن باشقىلارنى بوزەك قىلىپ، ھارامدىن سەمرىگەن كۈچلۈكلىرىنى يوقىتىمەن. مەن پادىلىرىمنى ئادالەت بىلەن باقىمەن.
ھەركىم ئۆزىنىڭ ئۈزۈم بارىڭى ۋە ئەنجۈر دەرەخلىرى ئاستىدا خاتىرجەم ئولتۇرىدۇ، ھېچكىم ئۇلارنى قورقۇتمايدۇ. چۈنكى قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگار ئۆزى شۇنداق دەپ ئېيتتى.
مەن يەھۇدىيە خەلقىنى كۈچلۈك قىلىمەن، ئىسرائىلىيە خەلقىنى قۇتقۇزىمەن، ئۇلارنى ئۆز يۇرتلىرىغا قايتۇرۇپ ئەكېلىمەن. مەن ئۇلارغا رەھىم-شەپقەت كۆرسىتىمەن. ئۇلار ئۆزلىرىنى ھېچقاچان رەت قىلىنمىغاندەك ھېس قىلىشىدۇ. مەن ئۇلارنىڭ پەرۋەردىگارى خۇدادۇرمەن، ئۇلارنىڭ ئىلتىجالىرىغا قۇلاق سالىمەن.