مىكاھ 5:2 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى2 پەرۋەردىگار مۇنداق دەيدۇ: «ئەي ئەفراتادىكى بەيتلەھەم، سەن يەھۇدا قەبىلىسىگە قاراشلىق كىچىك بىر يەرسەن. لېكىن سەندىن بىرسى مەن ئۈچۈن چىقىدۇ، ئۇ ئىسرائىلىيەگە ھۆكۈمرانلىق قىلىدۇ. ئۇنىڭ نەسەبى ئەلمىساققا تۇتىشىدۇ.» Gade chapit la |
ئىسرائىللارغا سەردارلار يېتەكچىلىك قىلغان چاغلاردا، ئىسرائىل زېمىنىدا قەھەتچىلىك يۈز بېرىدۇ. ئۇ چاغدا يەھۇدا زېمىنىدىكى بەيتلەھەم شەھىرىدە ئەفراتا جەمەتىدىن بولغان ئەلىمەلەك ئىسىملىك بىر كىشى بار ئىدى. ئۇ يۇرتىدىن ئايرىلىپ، خوتۇنى نائومى ۋە ئوغۇللىرى ماخلون بىلەن كىليوننى ئېلىپ، موئاب ئېلىگە بېرىپ، ئۇ يەردە ۋاقىتلىق تۇرۇپ قالىدۇ.