Biblia Todo Logo
Bib sou entènèt

- Piblisite -




مىكاھ 5:11 - ھازىرقى زامان ئۇيغۇرچە تەرجىمىسى

11 زېمىنىڭلاردىكى شەھىرىڭلارنى ۋەيران قىلىمەن، قورغانلىرىڭلارنى چېقىپ تاشلايمەن.

Gade chapit la Kopi




مىكاھ 5:11
10 Referans Kwoze  

ئاندىن ئۇ ماڭا مۇنداق دېدى: _ پەرۋەردىگار زىرۇببابەلگە مۇنداق دەيدۇ: «قۇدرىتىڭلار ياكى كۈچۈڭلار بىلەن ئەمەس، بەلكى مېنىڭ روھىم بىلەن مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىسىلەر. بۇ مەن قۇدرەتلىك سەردار پەرۋەردىگارنىڭ ئېيتقان سۆزلىرىدۇر.


ئۇ كۈچلۈكلەرنى ھالاك قىلار، قورغانلىرىنى ۋەيران قىلار.


شۇڭا ئۇرۇش چۇقانلىرى سىلەردىن ئاڭلىنىدۇ، بارلىق قەلئەلىرىڭلار ۋەيران بولىدۇ. خۇددى پادىشاھ شالمان بەيت-ئاربەلنى ئۇرۇشتا ۋەيران قىلغاندەك ۋەيران بولىدۇ. ئۇ چاغدا ئانىلار بوۋاقلىرى بىلەن بىرگە يەرگە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلىدۇ.


سەن مۇنداق دەيسەن: ‹سېپىل ۋە دەرۋازىسىز يېزىلارغا ھۇجۇم قىلىمەن. ھېچقانداق تەييارلىقى بولمىغان، خاتىرجەم ياشاۋاتقان خەلقنى ۋەيران قىلىمەن.


كېيىن مەن: _ ئى ئىگەم، بۇ قاچانغىچە داۋاملىشىدۇ؟ _ دەپ سورىدىم. ئىگەم جاۋابەن مۇنداق دېدى: «بۇ تاكى شەھەرلەر ئادەمزاتسىز خارابىلىككە ئايلانغۇچە، ئۆيلەر چۆلدەرەپ، ۋەيران بولغان زېمىنلار قاقاسلىققا ئايلانغۇچە،


ئېلىڭلار خاراب قىلىنغان، شەھەرلىرىڭلار كۆيدۈرۈلگەن. ئېتىزلىرىڭلار كۆز ئالدىڭلاردا ياتلار تەرىپىدىن ۋەيران قىلىندى. زېمىنىڭلار ياتلار تەرىپىدىن ئىشغال قىلىنىپ، خارابىلىككە ئايلاندى.


ئىگىمىز رەھىمسىزلىك بىلەن ۋەيران قىلىپ ياقۇپنىڭ تۇرالغۇلىرىنى، غەزەپ بىلەن تۈزلەپ تاشلاپ، يەھۇدىيەنىڭ قەلئەلىرىنى، ئاياغ ئاستى قىلىپ، خورلىدى يەھۇدىيە پادىشاھلىقى ۋە ئۇنىڭ يولباشچىلىرىنى.


ئى پەرۋەردىگار، سەن ئۆز خەلقىڭ بولغان ياقۇپنىڭ ئەۋلادلىرىنى تەرك ئەتتىڭ، چۈنكى ئۇلار ئۆز زېمىنىنى كۈنچىقىشتىكى ئەللەرنىڭ خۇراپاتچىلىقىغا پاتۇردى، فىلىستىيەلىكلەردەك رەمچىلەرگە تولدۇردى. يات ئەللەر بىلەن ئاپاق-چاپاق بولدى.


لېكىن مۇشۇ يول بىلەن پەرۋەردىگار ياقۇپ ئەۋلادلىرىنىڭ گۇناھىنى كەچۈرىدۇ. ئۇلار يات دىنلارنىڭ قۇربانلىق سۇپىلىرىنىڭ تاشلىرىنى كۇكۇم-تالقان قىلىدۇ، ئىلاھە ئاشېراغا ئاتاپ ياسالغان ياغاچ تۈۋرۈكنى، ئۇنىڭ ئۈچۈن كۈجە كۆيدۈرىدىغان سۇپىلىرىنى يوقىتىدۇ. بۇ ئۇلارنىڭ گۇناھلىرىنى كۆتۈرۈۋەتكەندىن كېيىنكى نەتىجە بولىدۇ.


Swiv nou:

Piblisite


Piblisite